تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى: بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پۈتۈن شەھەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۈشەنگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغىتىپ، قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ، پائال ماسلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قوللاپ، كىشىلەرنىڭ  يۆتكىلىشى ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، يۇقۇمنى تىزگىنلەشتە قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

     «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىكى يېپىق ھالەتتىكى باشقۇرۇش، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ يۈزبېرىشىنى توسۇپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى دوستلار بىزنى زور دەرىجىدە چۈشىنىپ، قوللاپ ۋە ماسلىشىپ، بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى ياسىن سىدىق.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزىدۇ، داۋالايدۇ. ياسىن سىدىق مۇنداق دېدى: «شەھەر ئاھالىلىرى دوستلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە داۋاملىق ماسلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  (گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى