تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ھەركۈنى دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالىغا باراۋەر ئەمەس، شەھەر ئاھالىلىرى ئالاقزادە بولماڭلار

   تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز يۈ جياڭيەن، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن توڭيۈەن خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋالنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

   7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 0دىن 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 13 (بۇنىڭ ئىچىدە 11 ئاغرىق مىسالى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 19. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 93، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 85.

    «بۇ يەردە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، ھەركۈنى دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىسالى يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئاغرىق مىسالىغا باراۋەر ئەمەس، مەسىلەن: 7-ئاينىڭ 22-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 18 ئاغرىق مىسالى ئىچىدىكى 16سى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەنلەر، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن 13 ئاغرىق مىسالى ئىچىدىكى 11ى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەنلەر» دېدى رۈي باۋلىڭ چۈشەندۈرۈپ. 

    رۈي باۋلىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچىدە كەڭ كۆلەملىك، تولۇق قاپلىغان نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى قانات يايدۇرۇلغاچقا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋاقتىدا تاللاپ چىقىلغان. لېكىن يۇقۇملانغاندىن كېسەل قوزغالغىچە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىدا ئاستا-ئاستا كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن ياكى CT ئاپپاراتىدا تەكشۈرگەندە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تەسۋىرى ئىپادىلىنىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىدىكەن؛ يەنە بىر قىسمى باشتىن-ئاخىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھالەتنى ساقلايدىكەن. شۇڭا، بۇ ئىككى كۈندە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈرۈش ۋە دىياگنوز قويۇشتىن كېيىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەنلەر بولۇپ، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئەمەس ئىكەن.

    رۈي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: «نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملىرى يەنە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ھەم ئالاقزادە بولماسلىقى، ھەم تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال ماسلىشىشى كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى