تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

سەھەر سائەت سەككىزدە ئۈرۈمچىنىڭ «يۇقۇم»نىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقان تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى

7-ئاينىڭ 22-كۈنى، گو فۇلياڭ سىرتقى ئورالمىسى بۇزۇلۇپ كەتكەن تېز يوللانمىنى قايتىدىن ئوراپ قاچىلىماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ياڭ گۇاڭ، لۈ يىخەن خەۋىرى، فوتوسى): سەھەر سائەت 8 دە، نۇرغۇن ئۈرۈمچىلىكلەر تېخىچە ئۇيقۇدا ئىدى، لېكىن تېز يەتكۈزۈش خادىمى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئالدىراش بىر كۈن باشلاندى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەر سائەت 7:50 ئۆتكەندە، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈرۈمچى خۇڭلوۋ تىجارەت بۆلۈمىدە، لىق پوسۇلكا قاچىلانغان ۋاگونسىمان يۈك ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىدا توختىدى، تېز يەتكۈزۈش خادىملىرى مال چۈشۈرۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئايرىش، ئۇچۇرنى سېلىشتۇرۇشنى باشلىدى، ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىغا قاچىلىدى. بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سائەت 8:30دا، تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گو فۇلياڭ كۆپچىلىكنى يىغىپ ئەتىگەنلىك يىغىن ئاچتى.

بىر يەتكۈزگۈچى خادىم تېز يوللانمىنىڭ ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرماقتا.

    «ھازىر ئالاھىدە مەزگىل، كۆپچىلىك تېز يوللانما يەتكۈزگەندە، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشى كېرەك، مەيلى يەتكۈزۈش جەريانىدا بولسۇن، ياكى تىجارەت بۆلۈمىدە بولسۇن، چوقۇم ماسكا تاقىشى، تېز يوللانما يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ۋاقتىدا يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىشى، تىجارەت بۆلۈمىگە كىرىپ - چىققاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشى كېرەك»، گو فۇلياڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، «ئەگەر باشقا ئىش بولمىسا، ھازىر بىناغا چىقىپ ناشتا قىلىڭلار».

يەتكۈزگۈچى خادىم ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تېز يوللانمىلارنى ئالماقتا.

    گو فۇلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، تىجارەت بۆلۈمىدىكى 16 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى تەييار بولدى، شىركەت بىرتۇتاش تاماق، ياتاقنى ئورۇنلاشتۇردى. «كۆپچىلىك ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن ئاشقاندا ئىشقا چىقىدۇ، سائەت 8 ئەتراپىدا، بىرىنچى ئاپتوموبىلدىكى ماللار تىجارەت بۆلۈمىگە يېتىپ كېلىدۇ، بۇ چۈشتىن بۇرۇن يەتكۈزۈپ بېرىشكە تېگىشلىك ماللار، چۈش سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا، تەقسىملەپ بەرگۈچى قايتىپ كېلىپ چۈشلۈك تاماق يەيدۇ، بۇ چاغدا ئىككىنچى ئاپتوموبىلدىكى ماللارمۇ يېتىپ كېلىدۇ، ئۇلار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن يەنە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ماللارنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلايدۇ» دېدى گو فۇلياڭ.

يەتكۈزگۈچى خادىم ماللارنى مال جازىسىغا رەتلىك تىزماقتا.

    ئۇنىڭدىن باشقا، گو فۇلياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «توردىن مال سېتىۋېلىش شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىم بىر خىل مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يەتكۈزۈپ بېرىلگەن ماللارغا يەنە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى، شۇنداقلا ماسكا قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى قوشۇلدى».

يەتكۈزگۈچى خادىم ئاپتوموبىلدىن مال چۈشۈرمەكتە.

    «بىز چوقۇم شەھەر ئاھالىلىرى ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىمىز، بولۇپمۇ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى دوختۇر-سېسترالار، ساقچى خادىملىرى، ئۇلار ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى ئالدى بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دېدى گو فۇلياڭ.

بىر خىزمەتچى خادىم كودنى سىكاننېرلاپ تېز يوللانما بۇيۇملىرىنى تەكشۈرمەكتە.

يەتكۈزگۈچى خادىم ماللارنى مال جازىسىغا رەتلىك تىزماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى