تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بەزى تارقىلىۋاتقان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋاقتىدا بايقالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 18 (بۇنىڭ ئىچىدە 16سى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەرگەن)، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 24. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 80، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 77. «كۆپچىلىك دىققەت قىلدى بولغاي، بۈگۈن 16 ئاغرىق مىسالى تېببىي كۆزىتىش جەريانىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇ بىزنىڭ پۈتۈن شەھەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغانلىقىمىزنىڭ ئىنتايىن ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئىلغاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بەزى تارقىلىۋاتقان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋاقتىدا بايقالدى ھەم بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقىرىغا دوكلات قىلىنىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلاردا مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاندى، «بۇ، بىزنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلىشىمىزگە ئىنتايىن پايدىلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن ياكى كېسەللىك ئالامىتى بىر قەدەر يېنىك بولغان ۋاقىتتا ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىش ئاغرىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى داۋالىنىشى ۋە سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.»

  نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە بەزى تارقىلىۋاتقان ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار پەرقلەندۈرۈلۈپ چىقىلىدۇ، بۇمۇ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەشكە ياردىمى بار.

  كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئادەتتە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى، يوشۇرۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملىنىش ھالىتى، بۇنىڭدا كېيىن قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ياكى CTدا تەكشۈرگەندە ئۆپكە ياللۇغىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگىرىدۇ؛ يەنە بەزى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار باشتىن-ئاخىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن ھالەتنى ساقلايدۇ.

  جاڭ ۋېي مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ بەلگىلىك يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە، شۇڭا كۆپچىلىك يەنىلا شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىشقا دىققەت قىلىپ، توپلىشىۋالماسلىقى، ماسكا تاقىشى، قولىنى پات-پات يۇيۇشى، بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر جەمئىيەت ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى