تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونىغا كېلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن كوچىسى شىنفاڭ مەھەللىسى ۋە شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى مېيفېڭ مەھەللىسى جىڭخېيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، شۆھرەت زاكىر نەق مەيداندا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى ئىگىلىگەندە، شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا بولۇپ، جەزمەن «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» «تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە مەھەللە كادىرلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خادىملارغا نومۇر بېرىش، تۈركۈمگە بۆلۈپ ئەۋرىشكە ئېلىش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئىلمىي، دەل جايىدا، كۈچلۈك، تەرتىپلىك كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈرئىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەتنى تەكرارلىماسلىق، خادىملارنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، تەكشۈرۈشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ تەكشۈرۈش ھالقىسىدا يۇقۇم بىلەن بەسلىشىپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش تەلىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، «تۆت بالدۇر» تەدبىرى ۋە «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىلمىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى مەھەللىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈش نەق مەيدان تەرتىپىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، ياخشى قوغدىشى كېرەك؛ تەشۋىقات - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ھەر مىللەت ئاممىسىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى