تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئالدىنقى قاتاردىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنى داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ چېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەگە ئىگە، خۇبېي قاتارلىق جايلاردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئەمەلىي جېڭىگە قاتناشقان، تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايونمۇ نەپەسلىنىش، ئېغىر كېسەللىكلەر، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش، پەرۋىش، كىلىنىكىلىق داۋالاش، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، رېنتىگىندە سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قىلىپ تەشكىللىدى، كېيىنكى داۋالاش-قۇتقۇزۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تەتقىقات ساھەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل