تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى، شىمىگۇ رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئومۇميۈزلۈك باشلىدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىنجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

     ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى تاماملىغان، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 1 مىليون 626 مىڭ 442 ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىنغان.

    شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ھۆددىگە ئالغان، ئالاقىلىشىدىغان ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋە نازارەت-ئىدارە، شەھەر، رايون-ناھىيەلەردىكى مەسئۇل يولداشلار كېچىلەپ ھەرقايسى ھۆددىگە ئېلىش-ئالاقىلىشىش، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ۋە رايون(ناھىيە)، كوچا(باشقۇرۇش كومىتېتى)، مەھەللە(كەنت)لەرگە بېرىپ، يىغىش نۇقتىسى تەسىس قىلىش، خادىملارنى تەشكىللەش، ئۇچۇر تىزىملاش، ئەۋرىشكە توشۇش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرگەن.

    شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: «خادىم كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. بولۇپمۇ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار تومۇز ئىسسىققا قارىماي، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئىشلەپ، يىغىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىدى».

    دۆلىتىمىزدىكى 10 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئەترىتى ۋە 24 تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بارلىق كەسپىي خادىملارنى توپلاپ، كېچە-كۈندۈز توختىماي ئىشلەپ، ئۇدۇللۇق ئېلىش، ئۇدۇللۇق توشۇش، ئۇدۇللۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا جىپسىلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك تەشكىللىدى.

    ھازىرغا قەدەر، تىيانشان رايونى ۋە سايباغ رايونى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى، شىمىگۇ رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، باشقا رايون(ناھىيە)لار يىغىش، تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىكى ئادەم سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى