تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى يېمەكلىك كارخانىلىرى كۈنىگە 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق تېز تاماق تەييارلىدى

  شىنجاڭ زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى مەركىزى ئاشخانىسىنىڭ ئىشچىسى ئۇن تامىقى تەييارلىماقتا.(ماتېرىيال سۈرەت)

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر دۇ دۇڭلىڭ): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا ماكانلاشقان شىنجاڭ زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يىمەكلىك تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككى چوڭ مەركىزىي ئاشخانىسى ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدىكى خادىملار ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنى تاماق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 12:00دە، شىنجاڭ زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا يېڭىلا تەييارلانغان قاچىلىق تاماقلار ئىسسىق ساقلاش ساندۇقىغا قاچىلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ قولىغا يەتكۈزلدى.

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، زىلولەن شىركىتىنىڭ تۆت زاۋۇتىنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئۇلار ئاساسلىقى قاچىلىق تاماق، موما، خۇاجۇەن، قاتلىما، ئۈگرە قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقاردى.

  بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىڭ مۇنداق دېدى: «تۆت زاۋۇتتا ھازىر 174 خادىم ئىش ئورنىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتىدۇ، زاۋۇت رايونىدا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، سېتىۋالغان بارلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىغا قارىتا تالون ئېلىش، تەكشۈرۈش، سىرتقى ئورالمىسىنى دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. پىششىقلاپ ئىشلەش، يەتكۈزۈپ بېرىش ھالقىسىدا پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، پاكىز، بىخەتەر يېمەكلىكلەرنى غىزالانغۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ».

  شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەركىزى ئاشخانىسىدىكى ئىشچىلار خېمىر تاماقلارنى ئىشلەپچىقارماقتا.(ماتېرىيال سۈرەت)

  شىنجاڭ بەيچېڭ يېڭى يېمەكلىك تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتى مەركىزىي ئاشخانىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ يۈرۈشكە يېتىپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىلغان، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تېز تاماق 10 مىڭ يۈرۈشتىن ئاشتى، ئۇلار 10 نەچچە يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلىنى بەلگىلەنگەن نۇقتىلاردىكى ئورۇنلارغا قەرەللىك يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ شىركەت يەنە كۆكتات، قوي-كالا گۆشلىرىنى توردا ۋە تور سىرتىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، شەھەر ئاھالىلىرى ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى «零距离食采网»دا كۆكتات ۋە قوي-كالا گۆشلىرىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.

  «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، يەتكۈزۈش ھالقىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدۇق. شىركىتىمىز يەنە مەخسۇس يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى تۈزدى، بۇ، ئاممىۋى رايوندا، ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جەھەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنى سۈپەتلىك، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ليۇ چېڭ تونۇشتۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى