تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: 24 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر بىر ئاپپاراتنى ھۆددىگە ئالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورناتتى، بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەر بىر تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ھۆددىگە ئالدى، شەھەر دەرىجىلىك رەھبەر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىلەشكۈچى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك يورۇشۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىپ، مەشغۇلات قىلغۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتقا پىششىق بولۇش دەرىجىسىنى تىرىشپ ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.

  ئەۋرىشكە ئېلىش ھالقىسىدا، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لار داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەر قايسى كوچا (مەھەللە)لار مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مەسئۇل خادىملارنى ئېنىق بېكىتىپ، ئاھالىلەرگە تەشۋىق قىلىش سەپەرۋەرلىكى، تەشكىللەش سەپەرۋەرلىكى، نەق مەيدان تەييارلىقى، ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، تەشكىللەشنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تەجرىبىخانىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەكشۈرۈش سۈپىتى جەھەتتە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى 2-دەرىجىلىك بىيوبىخەتەرلىكى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش مەركىزى تەشكىللىگەن كىلىنىكىلىق گېن كۆپەيتىش (PCR) لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتناشتى، تەجرىبىخانا ئىچى سۈپىتىنى كونترول قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، بىيوبىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى.

  نۆۋەتتە، جەمئىي 24 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشتى، 10 قېرىنداش ئۆلكە داۋالاش ئەترىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش نەتىجىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بۈگۈن 600 مىڭ ئادەم نۇسخىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى