تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشتى، بىر ئېغىر ئاغرىق ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگەردى

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار بىلەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ قانداق ئەۋزەل بايلىقلار ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشتى؟ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشتىكى ئىلگىرىلەشلەر قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لۇ چېننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپىتكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش جەريانىنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەمسىز؟

  لۇ چېن: نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى ھەرتەرەپلىمە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ،  مەقسەت تىرىشىپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاپ چىقىش.

  «تۆت بالدۇر» (بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش) ۋە «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» (ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش) پىرىنسىپى بويىچە، بىز ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىدا مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئېلىپ باردۇق، قۇتقۇزۇش-داۋالاش جەريانىدا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتۇق، دۆلىتىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيە ھەم خۇبېي قاتارلىق كۆپ جايلاردا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەجرىبىسىگە ئىگە مۇتەخەسسسىلەرنى يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭمۇ ئالاقىدار تېخنىكا كۈچىنى تولۇق سەپلەپ، خادىم، ماددىي ئەشيا قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ھەرتەرەپلىمە قوللىدى، نۆۋەتتە، پۈتۈن قۇتقۇزۇش-داۋالاش جەريانى تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇۋاتىدۇ.

  مۇخبىر: دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەدىكى مۇتەخەسسىس ئەزالاردىن قايسىلار بار؟ ئۇلار قانداق ياردەملەرنى ئېلىپ كەلدى؟

  لۇ چېن: دۆلەت ئەۋەتكەن تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىس ئەزالار ئىچىدە خۇبېي، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر بار بولۇپ، بېيجىڭ داشۆ 1-دوختۇرخانىسى، خۇاجۇڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇڭجى دوختۇرخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن دوختۇرخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن، دوڭنەن داشۆ قارىمىقىدىكى جوڭدا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى چيۇ خەيبو، بۇ يىل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئۇ جياڭسۇدىن خۇبېيغا بارغان، يەنە خېيلۇڭجياڭ، جىلىنغا بېرىپ، 139 كۈن يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلغان، ھازىر يەنە شىنجاڭغا كەلدى. 2017-يىلى، چيۇ خەيبو «بەيچيۇئېن مېدالى»غا ئېرىشكەن، ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ئۆز يېرىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى قوشقاندا، ھازىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى 30 نەچچە كىشىگە يەتتى.

  نۆۋەتتە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاساسلىقى نەپەسلىنىش، ئېغىر كېسەل، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش، پەرۋىش، كىلىنىكا، پىسخىكا، تەكشۈرۈش، رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن ئىبارەت، كېيىنكى باسقۇچلۇق قۇتقۇزۇش-داۋالاشنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، يەنە ئالاقىدار تەتقىقات ساھەلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنى بىزنىڭ قوشۇنىمىزغا قوشۇلۇشقا قوبۇل قىلىمىز.

  مۇخبىر: بۇ مۇتەخەسسىسلەر بىزنىڭ قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىمىزگە قانداق ياردەملەرنى ئېلىپ كەلدى؟

  لۇ چېن: ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىدا، مۇتەخەسسىسلەر ھەربىر ئاغرىققا ھەر كۈنى بىر-بىرلەپ باھا بېرىپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلدى ھەم ۋاقتىدا تەڭشىدى ۋە ياخشىلىدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىپ كېلىشى بىزنىڭ دەل جايىدا داۋالاپ، ساقىيىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىنتايىن زور ياردىمى بولدى.

  مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئاساسلىقى يېنىك تىپتىكى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاركەن، يېنىك تىپىكى ئاغرىقلارنى قانداق داۋالىدىڭلار؟

  لۇ چېن: يېنىك تىپىكى ئاغرىقلاردا ئاساسلىقى ماغدۇرسىزلىنىش، يۆتىلىش ياكى يېنىك، يەڭگىل قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  بىزنىڭ قوللانغىنىمىز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى (1-نۇسخىدىن 7-نۇسخىغىچە سىناق يولغا قويۇلدى)، بولۇپمۇ 7-نۇسخا، جۇڭيى تېبابىتى ۋە جۇڭيى دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېنىك ۋە ئادەتتىكى ئاغرىقلارنى داۋالىدۇق؛ ئېغىر ئاغرىقلارنى قوشۇمچە داۋالىدۇق.

  بۇ قېتىمقى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش جەريانىدا، بىز چىڭ تۇرغان «تۆت بالدۇر» پىرىنسىپى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭيىچە-غەربچىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق.

  مۇخبىر: بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى قايسىلار؟

  لۇ چېن: ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى نەپەسلىنىش سىستېمىسى زەخملەنگەن ۋە نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان جىگەر، يۈرەك قان تومۇرى قاتارلىق كۆپلىگەن سىستېمىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ سانىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  بىز بۈگۈن يەنە بىر خۇش خەۋەرنى ئېيتماقچى، بىر ئېغىر ئاغرىق ئادەتتىكى تىپقا ئۆزگىرىپ، بىزگە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭنىڭ داۋالاش خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تىزگىنلەشتە ئىقتىدارى، ئىشەنچى بار.

  مۇخبىر: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ زور تۈركۈمدىكى داۋالاش خادىملىرىنى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، ئۇلار قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، ئۇلارمۇ بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتنىشامدۇ؟

  لۇ چېن: ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ۋۇخەنگە بارغان 142 نەپەر داۋالاش خادىمىدىن 66سى داۋالاش نۇقتىسىغا تاللاپ ئەۋەتىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن داۋالاش ئەترىتىدىكى 40قا يېقىن داۋالاش خىزمەتچىسىمۇ تاللاپ ئەۋەتىلىدى، شۇنداقلا، چەت ئەلگە ياردەم بېرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشقان بىر قىسىم داۋالاش خىزمەتچىلىرىمۇ بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش-داۋالاشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

(تىيانشان تورى مۇخبىرلىرى يۈ جياڭيەن، ۋاڭ جوۋلار خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى