تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەمدە خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ تاۋ، تاۋ لىڭۋېي خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا، بەي دۇڭدۇڭ يۈك-تاق بەنىگە مەشغۇلات بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، دەرھال 16-نومۇرلۇق ۋوگزالغا يېتىپ بېرىپ، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان Z69 نۆۋەتلىك پويىزنىڭ بېكەتكە كىرىشىنى كۈتتى. سائەت 16:46 ئۆتكەندە پويىز ۋوگزالغا كىردى، ئۇ پويىزنىڭ يۈك-تاق خادىمى بىلەن بىرلىكتە يۈك-تاقلارنى ساناپ، چۈشۈرۈپ، تاپشۇرۇش-تاپشۇرۇۋېلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1826 يۈك-تاق ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يۈك-تاق ئايرىش يولىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى.

  بەي دۇڭدۇڭ ئۈرۈمچى ۋوگزالى يولۇچى توشۇش سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، ئاساسلىقى يۈك-تاق مۇلازىمىتىگە مەسئۇل. «بۈگۈن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسىدىن 5137سى يېتىپ كەلدى. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىغا يەنە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، تەكشۈرۈش سىناق دورىسى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالىرى قوشۇلدى. ۋوگزالىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا يېشىل يول ئېچىپ، دېزىنفېكسىيەلەش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز تاماملاپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە ماللارنى چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلدى. ھەركۈنى ۋوگزالغا كېلىدىغان ماددىي ئەشيالار ئۈرۈمچى شەھىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە پويىز ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ توشۇلۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېدى بەي دۇڭدۇڭ چۈشەندۈرۈپ.

ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ توشۇماقتا.

  ھازىر جىڭدۇڭ، شۇنفىڭدىن ئىبارەت ئىككى تېز يوللانما شىركىتى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان قىسمەن تېز يوللانمىلارمۇ تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭغا توشۇلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن يۈك-تاقلارنىڭ كۆپىنچىسى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، جىڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، لەنجوۋ قاتارلىق 10 نەچچە شەھەردىن كېلىدىكەن. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرىنىڭ مەركەزلىك يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى ۋوگزالى شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يۈك-تاق تۆمۈريول تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇپ قالغان.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ 2-پەسىلىدىن بۇيان ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يۈك-تاق تارقىتىش مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 18 مىڭدىن ئېشىپ، بېسىق مەزگىلىدە يەككە كۈندە 21 مىڭغا يېتىپ، 2019-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتتىن ئومۇميۈزلۈك ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە توردىن سېتىۋېلىنغان ماللارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئومۇمىي مال مىقدارىنىڭ %70تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن ھەم داۋاملىق كۆپىيىۋېتىپتۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يۈك-تاق چۈشۈرۈش-توشۇش(ئوتتۇرا يولدا يۆتكەپ توشۇلغانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سانى 2 مىليون 759 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.86 ئاشقان.

  7-ئايدا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى تۆمۈريول يۈك-تاق تىرانسپورتى ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە توشۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر قېتىملىق ماسكا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئوتتۇرا يولدا يۆتكەپ توشۇلغان تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى 27 مىڭغا، كۈندىلىك تۈرلۈك مال 280 مىڭغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى