تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» (بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئۇنىۋېرسال تارقىتىش [2020] 181-نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىرقەدەر كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپىنى تەكشۈرگەندە، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن كىشىلەر توپىغا 10 ~ 5 نۇسخا ئەۋرىشكىنى ئارىلاشتۇرۇپ دەسلەپكى تاللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى.
«ئۈرۈمچى شەھىرى 5:1 نىسبەتتە ئارىلاش ئەۋرىشكە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەش ئادەمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، بەش ئادەمنىڭ يۇقىرى نەپەس يولى ئەۋرىشكىسى (جۈملىدىن ئېغىز-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى ياكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق پەلكۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى بىر ئەۋرىشكە ئېلىش نەيچىسىدە ئارىلاشتۇرۇپ، تەجرىبىخانىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.» رۇي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: ئارىلاش ئەۋرىشكە ئېلىشتا، خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى تىزىملاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئەۋرىشكە نومۇرى بىلەن تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلار ئارىسىدا سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئەگەر ئارىلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈلگەن ئەۋرىشكە ئىچىدىن مۇسبەت ئەۋرىشكە بايقالسا، شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئەۋرىشكە ئۇچۇرىغا ئاساسەن، تېزدىن ئالاقىدار خادىملارنى تېپىپ قايتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، تاللاپ تەكشۈرىدۇ، قايتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىنورماللىق كۆرۈلگەنلىرىنى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.