تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ، ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن): بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ؛ شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا 9~8 بال غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃24، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  تۈنۈگۈن تومۇز مەۋسۇمى كىردى، بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ ئىسسىق ھاۋانىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما بۇلۇت قاتلىمىنىڭ توسۇشى بىلەن، بۈگۈن تېمپېراتۇرا ئۆرلىمەستىن ئەكسىچە تۆۋەنلىدى، لېكىن بۇ سالقىن ھاۋا قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدۇ، 7-ئاينىڭ 24-كۈندىن 7-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۈگۈن، ئەتە ئىككى كۈن ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدا كۈچلۈك كونۋېكسىيەلىك ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

  بۈگۈن دۆلەت يولى G312، G30 لىنىيەسىنىڭ شىخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، داۋانچېڭدىن پارچە ساقالغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G3015 لىنىيەسىنىڭ چۆچەكتىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قاراتۈڭكېغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە ھەمدە ئۇنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، چورمىدىن ئاگۋېغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G218 لىنىيەسىنىڭ مىستىن خېجىڭغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق ياقا لىنىيەلەرنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر يېغىپ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى