تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى: توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى، كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى  ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  7 ـ ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى توققۇز، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 14. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 62، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 69.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالدىنقى مەزگىلدە بايقالمىغان بەزى ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار پەرقلەندۈرۈلۈپ تەكشۈرۈپ چىقىلماقتا. نۆۋەتتە، بۇ ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى تەلەپ بويىچە بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقىرىغا دوكلات قىلىندى ھەمدە مەركەزلىك قوبۇل قىلىنىپ داۋالاندى، شۇڭا كۆپچىلىك بىزنىڭ بۈگۈنكى يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش سانلىق مەلۇماتىمىزدا سەل ئېشىش بولغانلىقىنى كۆردى.

  نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورىيىشىغا ئەگىشىپ، يەنە بەزى ئاغرىق مىساللىرى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىلغاپ تەكشۈرۈپ چىقىلىشى مۇمكىن. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئاغرىق مىساللىرىنىڭ بايقىلىشى بىز ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى بۇ يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ۋاقتىدا بايقالغانلىقى، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭمۇ ۋاقتىدا تېببىي كۆزىتىشكە كىرگۈزۈلۈپ، بىزنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېدى رۇي باۋلىڭ.

  پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى قانۇنىيىتىدىن قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بىر كېچىدىلا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى پائال ماسلىشىپ ئۆيىدە ئولتۇردى، ئادەم ئېقىمى ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئازىيىپ، توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى، كۆپچىلىك خاتىرجەم بولۇڭلار.

   كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى مەھەللىنىڭ تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماسكا تاقىشى، قولىنى پات-پات يۇيۇشى، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، توپلىشىۋالماسلىقى كېرەك.

  گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى