تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە جەمئىي 1 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى، سايباغ رايونىدا بىر كۈندە 300 مىڭ ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن، يىن تۇڭيۈەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلماقتا. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى مەھەللە(كەنت)لەرنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شەخسىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ماسلىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە، تارقىلىش يوللىرىنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ تاشلىشىغا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى «ئاۋۋال نۇقتىلىق، ئاندىن ئادەتتىكى» تەرتىپى بويىچە، پۈتۈن شەھەردىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالدى بىلەن تىيانشان رايونى ۋە سايباغ رايونىدىن ئىبارەت خەۋپ-خەتەر يۇقىرى ئىككى رايوندا ئېلىپ باردى، ئارقىدىن ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، رايون(ناھىيە)، كوچا(باشقۇرۇش كومىتېتى)، مەھەللە(كەنت)لەردە بىر-بىرلەپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى، تىيانشان رايونىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، سايباغ رايونىدا شۇ كۈنى 345 مىڭ 419 ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى، باشقا رايون(ناھىيە)لەر تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال تەييارلىق قىلدى ياكى تەرتىپلىك باشلىدى. 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24كىچە، شەھەر بويىچە جەمئىي 1 مىليون 37 مىڭ 548 ئادەمدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى