تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى كۈنىگە 500 مىڭ ئادەم نۇسخىغا يەتتى

  6600دىن ئارتۇق خادىم 300دىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى

     شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋىرى  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيانىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان ۋە نۇقتىلىق خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لار بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە، تىيانشان رايونى تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، سايباغ رايونى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، باشقا رايون (ناھىيە)لار تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىدىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تاماملاش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايون، شەھەر، رايون (ناھىيە)لۇق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن 6600دىن ئارتۇق خادىمنى ئاجرىتىپ بىرلىكتە ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، 300دىن ئارتۇق گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.

  «دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن 10 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتى 53 تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئېلىپ كېلىپ، بىز بىلەن  ئارىلاشما گۇرۇپپا تەشكىللەپ، بىرلىكتە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى كۈنىگە 500 مىڭ ئادەم نۇسخىغا يەتتى. كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت تەرتىپىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە مەشغۇلات قىلغۇچىلارنىڭ مەشغۇلاتقا پىششىق بولۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خېلى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ.» دېدى جاڭ ۋېي.

  يۇقۇمنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ پۈتۈن شەھەر دائىرىسى ئىچىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرىدۇ. 1 - باسقۇچتا 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، قىزىپ قالغان ئاغرىقلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى بار بولغان مەھەللىلەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى تۇرۇشلۇق مەھەللىلەرنى %100 تەكشۈرۈش نىشانى تاماملىنىدۇ. 2 - باسقۇچتا باشقا مەھەللىلەر ۋە ئاپتونوم رايون، شەھەردىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورگانلار، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە قاراشلىق جايلار (بىڭتۇەن، ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىكى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان 25 ئاپپارات ئۈستىگە ئالىدۇ. 

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارلىق خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىدە ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، ئۆز مەيلىچە ھەق ئېلىش قىلمىشلىرى بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئالاقىدار ھەق ئەينەن قايتۇرغۇزۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنترام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 4689245-0991، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى