تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى) بىر ئېغىر ئاغرىق بىر نەچچە سائەت جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالى بارا-بارا تۇراقلاشتى، بۈگۈن چۈشتە تاماق يېيەلەيدىغان بولدى، بىر پىيالە سۇيۇقئاش ئىچتى.
7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 15:00لەردە، ئەمدىلا ICU كېسەلخانىسىدىن چىققان ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن شيەنلى خىزمەتداشلىرى بىلەن خۇشال ھالدا چاۋاك چېلىپ، ئېرىشكەن جەڭ نەتىجىسىدىنن بەھرىمەن بولدى.
«بۈگۈن سائەت 4:50تە بىر ئاغرىق ئېلىپ كېلىندى، نەپەسلىنىشى تېز، كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ئىدى. ئاغرىقنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، تۆت دوختۇر بىمارنى جىددىي قۇتقۇزدى، ئاغرىققا نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى تاقىدى، سائەت 10:30دا، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىدىن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمىدىكى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسىسى كېسەلخانىنى تەكشۈرگەندە، ئاغرىقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇتقۇزدى. دۈم ھالەتتە ياتقۇزۇپ نەپەسلەندۈرۈش ئارقىلىق بەدەندىكى مىكرو ئايلىنىشىنى ياخشىلىدى، يەنە قوشۇمچە غەربچە دورا ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ياخشىلىدى، نەپەسلىنىش قېتىم سانى تەدرىجىي تۆۋەنلىدى» دېدى سۈن شيەنلى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دوختۇرخانا بىرىنچى ۋاقىتتا جىددىي تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن، سۈن شيەنلى دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتى بۆلۈمى مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەرھال دوختۇرخانىغا بارغان. «مەن كومپارتىيە ئەزاسى، ھالقىلىق پەيتتە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك، ICU كېسەلخانىسىنىڭ داۋالاش ئەترىتىنى يېتەكلەپ، تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بۇ قېتىم قوبۇل قىلىپ داۋالىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر»، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتەك قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەدبىرىنى قوللاندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 76 ياشلىق بىر ئايال بىمارنىڭ ئەسلىدىلا يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كۆپ خىل كېسىلى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساس خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى سەل ئاجىز ئىدى. «بىز ئۇنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇرۇن ئېگىزلىكى ئىقىمىنى نەملەشتۈرۈپ داۋالاش ئەسۋابى ئارقىلىق نەپەسلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلىدۇق» دېدى سۈن شيەنلى.
ئۈچ كۈن قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، ھازىر 76 ياشلىق بۇ ئايال ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى. «ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىمىز!» دېدى سۈن شيەنلى.
«ھەربىر ئېغىر ئاغرىقنى قۇتقۇزۇشتا قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ ئالدىنقى مەزگىللىك پىسخىكىلىق يېتەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دوختۇرمۇ ئۆزىنى ئاغرىقنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىشى كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن ئاغرىق بىر ناتونۇش مۇھىتقا كەلگەنىكەن، بۇنىڭغا ماسلىشالىشى كېرەك، ئاغرىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم، پىكىر ئالماشتۇرۇش ياخشى بولسا، ئاندىن دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلىشالايدۇ. داۋالاش جەريانى، نەيچە كىرگۈزۈش قاتارلىق ھەر قانداق بىر مەشغۇلات تەپسىلاتىغا دىققەت قىلىش، مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش، ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك» دېدى سۈن شيەنلى.
سۈن شيەنلى سىن ئارقىلىق تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.
دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللىكلەر تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدىغان سۈن شيەنلى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 00: 15لەردە ICU كېسەلخانىسىدىن چىقىپلا ئالدىراپ-تېنەپ چۈشلۈك تاماق يېدى ھەمدە ۋاقىت چىقىرىپ مۇخبىرلارنىڭ توردىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەت جەريانىدا، يەنە دوختۇرخانا تەشكىللىگەن، مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئاچىدىغان كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى تېلېفوننى تاپشۇرۇۋېلىپ، كەچۈرۈپ سورىغان ھالدا زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانا «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، نەپەس، ئېغىر كېسەللىك، يۇقۇم، جۇڭيى تېبابىتى، پەرۋىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ 55 مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى»نى دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاپ، تەھلىل قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر، خەتەرلىك بولۇپ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان.