تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قارا يامغۇردىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16:36دە قارا يامغۇردىن قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: ئۆتكەن بىر سائەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شىبەيياڭگوۋ كەنتىدە ھۆل-يېغىن مىقدارى 36.2 مىللىمېتىرغا يەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ سائەتتە كۈچلۈك ھۆل-يېغىن يەنە داۋاملىشىپ، ئومۇمىي يامغۇر مىقدارى 48 مىللىمېتىردىن ئاشىدىكەن، بۇ رايونلاردا ئوتتۇرا، كىچىك دەريا ئېقىنى كەلكۈنى، تاغ كەلكۈنى، شۇنداقلا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر يۈز بېرىدىغان ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىكەن، ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى