تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: شەھەر رايونىدا سۇ چىقىرىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاسكىنا سۇنىڭ يولغا چىقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى تيەنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر رايونىنىڭ سۇ چىقىرىشنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىپ، پاسكىنا سۇنىڭ يولغا چىقىپ كەتمەسلىكى، سۇ چىقىرىشنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردىكى 20 سۇ زاۋۇتىنىڭ ھەممىسى نورمال يۈرۈشمەكتە، كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ %67ى ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، پۈتۈن شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تامامەن ئىقتىدارىمىز بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل