تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئالتاي شەھىرىدىكى 10 مىڭ مو ئاپتاپپەرەس بەس-بەستە ئېچىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چېن فېڭ خەۋىرى، فوتوسى): ياز پەسلىدە، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق ئاپتاپپەرەس بەس-بەستە ئېچىلىپ، ئالتۇن رەڭلىك مەنزىرە شەكىللەندى.

   7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالتاي شەھىرى خۇڭدۇن بازىرىدىكى كەنت ئاھالىسى گو دۇڭمېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىزلىقنى سۇغىرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، بۇلتۇر 50 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىپ پايدىسىنى كۆرگەنىدى، ئۇ بۇ يىل يەنە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان ئاپتاپپەرەس ياپيېشىل دالىدا تېخىمۇ چاقناپ، شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى.

  گو دۇڭمېي مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر ئاپتاپپەرەس تېرىغاننىڭ پايدىسىنى كۆردۈم، بۇ يىل يەنە 120 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىدىم، بۇ يىل بازار ئەھۋالى ياخشى، ئاپتاپپەرەسمۇ ئوبدان ئۆستى، بىر مو يەردىن 600 ~ 700 يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».

  ھازىر 100 مو يەردىكى ئاپتاپپەرەس ئېچىلدى، ئېچىلىش مەزگىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئاپتاپپەرەستىن ئېلىنغان مول ھوسۇلدىن يۇرتداشلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايدى، يەنە يەرلىكتىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلدى.

  ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى جاڭ بو مۇنداق دېدى: «بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن بىللە ئوينىغىلى كەلگەن ئىدىم، بۇ ئاپتاپپەرەس گۈل دېڭىزىنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قېلىپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇق، كەيپىياتىم ناھايىتى ياخشى، ئەڭ مۇھىمى ئۆيۈمگە ناھايىتى يېقىن ئىكەن، قاتناشمۇ قولايلىق».

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئالتاي شەھىرىدە جەمئىي 138 مىڭ 164.6 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك ئاپتاپپەرەس كۆلىمى 78 مىڭ مو، ياغلىق ئاپتاپپەرەس كۆلىمى 60 مىڭ 164.6 مو ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى