تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جيەنخۇا خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىلەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىدىن بىرلىكتە تەشكىللەنگەن ئەترەت تۇنجى تۈركۈمدە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئەۋرىشكىسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى. ھەربىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئارقىسىدا، خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىلەن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا تېببىي خادىملىرىنىڭ ئۇخلىماي، ئارام ئالماي تارتقان جاپالىق بەدىلى بار.

  ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ، ۋىرۇس بىلەن كۈچ سىنىشىش

  ئۈرۈمچىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش كۈچىنى زاپاس ساقلاش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى كىشىلەر توپىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىن 10نى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىشكە تەشكىللىدى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىكى 21 خادىم ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتى يېتەكچىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭ جيې، ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن يى، ۋۇخەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ بىچېڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت پىلانىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. سائەت 19:00دىن ئاشقاندا، داۋالاش ئەترىتىدىكى 21 داۋالاش خادىمىنىڭ ھەممسى نەق مەيدانغا كېلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي خىزمەتكە كىرىشىپ، سىناق دورىلىرىنى يۆتكەپ، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، تەكشۈرۈش بۆلۈمدىكى ئۆيلەرنى ئورۇنلاشتۇردى...

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ تەجرىبە بۆلۈمىنىڭ چىراغلىرى يورۇپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان خادىملار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئۇلار چىراغ يورۇقىدا ۋىرۇس بىلەن 24 سائەت يۈزتۇرا «جەڭ» قىلىپ، مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ۋىرۇس بىلەن ئۈزلۈكسىز بەيگىگە چۈشتى.

  خۇ بىچىڭ مۇنداق دېدى: «جەڭدە ھەممىدىن مۇھىمى چاققانلىق، بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر مەلۇم قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتەك ياخشى ئايلىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردۇق».

  بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، ھەرقانداق قېيىنچىلىق بىزنى يىقىتالمايدۇ

    نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مۇرەككەپ ھەم چىگىچ بىر جەريان، ۋىرۇسنى ئاكتىپسزلاشتۇرۇش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىپ ئېلىش، سىستېما تۈزۈشتىن ئۈسكۈنىدە كېڭەيتىپ نەتىجىنى ئانالىز قىلىشقۇچە، ئاز دېگەندىمۇ ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ئەۋرىشكە ھىملەش ساندۇقى ئېچىلغان دەقىقىدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ نەتىجىسى چىققانغا قەدەر، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئاز بولغاندا ئالتە سائەت ۋىرۇس بىلەن جەڭ قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت 11:00دىن ئاشقاندا، خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى ئەزالىرى مۇداپىئە كىيمىى كىيىپ، مۇداپىئە كۆزئەينىكى، ماسكا تاقاپ، پەلەي، ئاياغ قاپلىغۇچنى كىيىپ تەق بولۇپ، تولۇق قوراللانغان ھالدا تەجرىبىخانىغا كىردى. تەكشۈرۈش خادىملىرى تەجرىبىخانىغا شۇ كىرگىنىچە ئاز بولغانلىرى ئالتە سائەت، كۆپ بولغانلىرى 10 سائەت تۇردى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈشنىڭ دەل توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى، بۇنىڭ ھەممىسى بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىدى.

  «ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، شۇنداقلا بىز چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك بۇرچ! پۈتۈن ئەترەت تېز سۈرئەتتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ تېببىي خادىملىرى بىز بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، ھەربىر خادىم كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىمەكتە. يۇقۇم تىزگىنلەنگۈچە، بىز توختىماي كۈرەش قىلىمىز» دېدى رېن يى.

  ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، مىننەتدارلىق قەلبىمىز بىلەن بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز

  «خۇبېيدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئالدى-كەينى بولۇپ ئۈچ تۈركۈم داۋالاش ئەترىتىنى خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، بۇ دوستلۇقنى خۇبېي خەلقى ئىزچىل ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز» دېدى شياڭ جېي، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلۈمىدىكى خادىملار بەس-بەستە تىزىمغا ئالدۇرۇپ، تىزىملىتىشتىن تاكى خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىشكىچە پەقەت ئۈچ سائەتلا ۋاقىت كەتكەن. ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان ئەترەت ئەزالىرى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يۈك-تاقلىرىنى، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلىغان، بەزىلىرى ئەمدىلا كېچىلىك ئىسمېنىدىن چۈشكەن بولسىمۇ، دەرھال ئايرودۇرۇمغا كېلىپ جەڭگە ئاتلانغان.

  شياڭ جېينىڭ ھېسسىياتى شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن بارلىق داۋالاش ئەترىتىنىڭ ھېسسىياتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ 10 كىشىلىك داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئىلگىرى دوختۇرخانا باشلىقى دۇڭ شۈنەننىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋۇخەنگە ياردەمگە بارغانلىقىنى بىلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تولىمۇ تەسىرلەندى. شياڭ جېي مۇنداق دېدى: «مىننەتدارلىق قەلبىمىز بىلەن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملار بىلەن بىللە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمىز، خىزمەتكە تېز سىڭىشىپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز».

    «ئۇلار ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا دەم ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، دوختۇرخانىغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ خىزمەتنى باشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ كەسىپچانلىق روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ.» خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ تېز ھەرىكەتكە كېلىپ خىزمەتكە كىرىشىش روھى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل تېخنىكى ئەمەتجان كېرەمنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ئۇمۇ كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە سىناق دورىسىنى يۆتكەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىراق مۇساپىنى بېسىپ ئۈرۈمچىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى ئۇستازلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

    خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يەنە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئايرىپ ئېلىش ئەسۋابى، PCR كېڭەيتىش ئەسۋابى، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ساندۇقى قاتارلىق ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەر، شۇنداقلا سىناق دورىسى قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىياللارنى بىللە ئېلىپ كەلگەن. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەرگىچە، خۇبېينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا خادىملىرى بىلەن بىرتۇتاش ئارىلاش ئەترەت بولۇپ تەشكىللىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئالدى، ھەربىر ئادەم نورمال كىشىلەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقىدىن ئېشىپ كەتكەن خىزمەتكە بەرداشلىق بەردى. مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، بىرمۇ ئادەم چېكىنمىدى، تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ياش ۋراچى جەن ۋېنبو مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، ھەربىر دوكلاتنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى