تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە سۇ، توك، گاز بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى تيەنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، بىرىنچىدىن، سۇ مەنبەسى يېرى، ھەرقايسى سۇ زاۋۇتلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، زاۋۇتتىن چىققان سۇ ۋە تۇرۇبا تورى سۈيىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى ئاشۇرۇلدى، بولۇپمۇ دوختۇرخانا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئاپپاراتى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى، سۇ بېسىمىنى تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالتە سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈش تۆت سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىلىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ بېسىمى كۈچلۈك، سۇ مىقدارى يېتەرلىك، سۇ سۈپىتى ياخشى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

  ئىككىنچىدىن، 80 نەچچە كىشىلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، جىددىي رېمونت قىلىش قوشۇنى قۇرۇلۇپ، 24 سائەت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىدا كاشىلا كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي رېمونت قىلىپ، تەسىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى.

  ئۈچىنچىدىن، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلدى. يۇقۇم مەزگىلىدە ئابۇنىچىلارنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ماگنىتلىق كارتا سائىتىدىن باشقا قەرز بولۇپ قالغان ئابۇنىچىلارغا قارىتا پىرىنسىپ بويىچە سۇنى توختىتىپ بىر تەرەپ قىلىش يولغا قويۇلمىدى؛ ماگنېتلىق كارتا سائىتىدە قەرزى بار ئابۇنىچىلار مۈلۈك باشقۇرۇشنىڭ ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىش ئورنىدىكىلەرگە تاپشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قىممەت تولۇقلاپ، سۇنى نورمال ئىشلىتەلىدى.

  سۇ بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى (2648888-0991) پۈتۈن كۈن توردا مۇلازىمەت قىلدى، تۈرلۈك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ توختاش، سۇ قېچىش قاتارلىق كاشىلىلارنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، دەرھال ئابۇنىچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى ئېنىقلاپ، «مەلۇم قىلغان ھامان قوبۇل قىلىش، قوبۇل قىلغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىش، كىچىك كاشىلىنى شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە بىر تەرەپ قىلىش، چوڭ كاشىلىنى ئۇلاپ رېمونت قىلىش»نى ئشىقا ئاشۇردى. بولۇپمۇ بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا، تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە قارىتا، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  تۆتىنچىدىن، شەھەر رايونىدا سۇنى چىقىرىۋېتىش، راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتى كۈچەيتىلىپ، سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىدىكى تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەر جىددىي بىر تەرەپ قىلىنىپ، يۇندىنىڭ يول يۈزىگە چىقماسلىقىغا، سۇ چىقىرىشنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. نۆۋەتتە، پۈتۈن شەھەردىكى 20 سۇ زاۋۇتىنىڭ ھەممىسى نورمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، كۈندىلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارى 1 مىليون 400 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ %67ىگە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

  توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە: ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 6 مىليون 5000 كىلوۋاتقا يەتتى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، كۈندىلىك ئەڭ كۆپ توك ئىشلىتىش مىقدارى 6 مىليون 2000 كىلوۋات، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى 132 مىليون 164 مىڭ كىلوۋات سائەت بولدى. ياز پەسلىدە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەمەلىيەتكە قارىتا، يۇقۇم مەزگىلىدە توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ھاۋا رايى، توك بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئالاھىدە مەزگىلدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش شەكلى ۋە تەڭشەپ يۈرۈشتۈرۈش ئىسمېنا ئالمىشىپ ئىشلەش ئەندىزىسىنى ئىجرا قىلىپ، چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ ئىككىنچىدىن، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ جىددىي رېمونت قىلىش 3-دەرىجىلىك ئەترىتى ئىشقا سېلىنىپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش «بىۋاسىتە ئاپتوموبىل»ى يولغا قويۇلۇپ، 24 سائەت بۇيرۇق كۈتتى؛ ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق ئابۇنىچىلارنى پۈتۈن كۈن توك بىلەن تەمىنلەشنى نازارەت قىلىپ، دوختۇرخانا، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى داۋاملىق رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى؛ تۆتىنچىدىن، توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توك ئىشلەتكۈچى ئابۇنىچىلار قەرز بولۇپ قالسىمۇ توكىنى توختاتماسلىق تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، توردا دۆلەت ئېلېكتىر تورى، جىفۇباۋ، ۋېيشىن قاتارلىق 15 خىل توردا توك سېتىۋېلىش يوللىرى كېڭەيتىلدى. ئاپتوماتىك ھەق تاپشۇرۇش تېرمىنالى پۈتۈن كۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مەركىزىي شەھەردىكى ھەرقايسى ۋاكالىتەن سېتىش ئاپپاراتلىرىنى 24 سائەت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە: بىرىنچىدىن، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كۈچەيتىلدى. 24 سائەت جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دىجورنىلىكى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 12345 شەھەر باشلىقى قىزىق لىنىيەسى سۇپىسىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىندى. گاز بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى ۋە تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى ئاسراش-تەكشۈرۈش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، گازنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئىككىنچىدىن، ئاھالىلەرنىڭ گاز سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ياخشى ئىشلەندى. تەبىئىي گازنى ھەر قېتىمدا 100 كۇب سېتىۋېلىش ھەر قېتىمدا 500 كۇب سېتىۋېلىشقا تەڭشەلدى، سېتىش تور نۇقتىسى 300 نەچچىگە كۆپەيتىلدى، سودا بانكىسى تور نۇقتىسى، يېقىلغۇ گاز شىركىتىنىڭ تىجارەت كۆزنىكى نورمال تىجارەت قىلدى ھەمدە مەھەللە ۋاكالىتەن قىممەت تولۇقلاش، كارخانىلار ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋاقتىدا يېقىلغۇ گاز سېتىۋېلىشى، قىممەت تولۇقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. يۇقۇم مەزگىلىدە قەرز بولۇپ قالسىمۇ تەمىنلەشنى توختاتماسلىق تەدبىرلىرى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، گاز توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ئۈچىنچىدىن، گاز بىلەن تەمىنلەش، تەڭشەشنى نازارەت قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. يۇقىرىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز سېتىش شۆبە شىركىتى بىلەن شەھەردىكى بەش تەبىئىي گاز تىجارىتى كارخانىسىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇتاشتۇرۇش ياخشى ئىشلىنىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە گاز مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيان، شەھەر بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن تەمىنلەش مۇقىم، گاز مەنبەسى يېتەرلىك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى