تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئالدىدا ماڭدى، رابىگۈل ۋە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللار كەلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 10لاردا، رابىگۈل يېڭىدىن كەلگەن بىرنەچچە پىدائىيغا خىزمەت تەقسىملەپ بولۇپ تۇرۇشىغا، مەھەللىنىڭ بىر خىزمەتچى خادىمى يۈگۈرۈپ كېلىپ: «گۈلى ھەدە، گۆش كەلدى، ئارقا دەرۋازىدا» دېدى. رابىگۈل جاۋاب بەرگەچ، قارشى تەرەپكە ئەگىشىپ ئارقا دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى.

  ئارقا دەرۋازا تەرەپتە، شوپۇر ئۇستام ئاپتوموبىلدىكى كالا، قوي گۆشلىرىنى چۈشۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتاتتى، رابىگۈل كۆپچىلىك بىلەن خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلەرنى كۆتۈرۈپ ئولتۇراق رايونغا ئېلىپ كىردى. ئالدىنقى كۈنى كېچىدە تىزىملىغان ئۇچۇرلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئۇ ئوخشىمىغان ئېغىرلىقتىكى بەلگە قويۇلغان سۇلياۋ خالتىلارغا ئىشىك نومۇرى يېزىلغان قەغەزنى چاپلىدى، ئاندىن باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ رابىگۈلنىڭ ھەر كۈنى چوقۇم قىلىدىغان بىر تۈرلۈك خىزمىتى.

  تېخى بىر سائەت ئىلگىرىلا، ئۇ ۋە پىدائىيلار ئاغرىپ قالغان بىر ياشانغان كىشىنى يۈدۈپ مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغۇزۇپ، دوختۇرخانىغا داۋالىنىشقا ئاپىرىپ قويغانىدى.

  تۆت كۈن ئىلگىرى، رابىگۈل ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خېتەن جەنۇبىي يولى شەرقىي مەھەللىسىدىكى بىر پىدائىي بولغانىدى. ھەر كۈنى سائەت 9:00دىن 22:00گىچە بولغان بۇ 13 سائەت ۋاقىتنى رابىگۈل تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. «پىدائىي بولغانىكەنمىز، تولۇق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

  رابىگۈل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ پىدائىيسى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۇلانباي تەكشۈرۈش پونكىتى، مەھەللە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بېكىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئورۇنلاردا نۆۋەتچىلىك قىلىپ، 35 كۈن بەرداشلىق بەرگەن. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە مۇلازىمىتى پىدائىيلار ئەترىتىگە قوشۇلۇشقا ئىلتىماس قىلدى. مەسىلىلەرنى تەرتىپلىك، ئۆز جايىدا ھەل قىلالىغانلىقتىن، كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى قىلىپ سايلاندى، پىدائىيلارنىڭ ھەر كۈنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى، قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئۇ ئورۇنلاشتۇراتتى. ھازىر، ئولتۇراق رايوندا 22 پىدائىي بار بولدى.

  ئولتۇراق رايوننى چارلاش پىدائىيلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر چوڭ سىناق، «ئالدىنقى قېتىم توڭلاپ تىترەپ كەتكەنىدىم، بۇ قېتىم ئىسسىقتا تەرلىرىم ئېقىپ كەتتى. ھا ھا!» رابىگۈل ئىككى قېتىم ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تەسىراتىنى سۆزلىگەپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە كۈندە، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم، ئۇزۇن ئىشتان كىيىپ، ماسكىنى چىڭ تاقاپ، باش كىيىمىنى چىڭ كىيگەچكە، بىر، ئىككى قېتىم بېرىپ-كېلىشتىلا، بەدەندىن چىققان تەرلەر سۇدەك ئاقتى، بىراق، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، قانچە چارچىساقمۇ ئەرزىيدۇ. «مېنىڭ تەجرىبەم بار، كۆپچىلىك ئېھتىياجلىق بولغاندا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك» دېدى ئۇ.

  رەن خەييەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيىتى چۈنيۈ مېھىر-شەپقەت پاراۋانلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ مىدۇڭ رايونى دۇڭرۈي شىمالىي يولى رېنمىن جۇاڭزى مەھەللىسىنىڭ پىدائىيسى بولدى، ئاساسلىق خىزمىتى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئاپتوموبىللارنى دېزىنفىكسىيەلەش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئىدى.

  بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، ئۇ ۋە قىزى رەن شياۋرەن 15 كۈن مەھەللە پىدائىيسى بولغانىدى. بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندە ئىككىيلەن ئىككى جايدا بولۇپ قالغاچقا، ئۇلار ئوخشىمىغان مەھەللىدە پىدائىي بولدى. ئۇنىڭ قىزى ھازىر مىدۇڭ رايونى نېفىت-خىمىيە تەۋەلىك رايونى جۇڭشىڭ مەھەللىسىنىڭ پىدائىيسى بولۇپ، ئاساسلىق خىزمىتى ئاھالىلەرنى تۈرلۈك تۇرمۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش. «قىزىم ئىككىمىز ھەر كۈنى تېلېفوندا پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىمىزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز، ئۆزئارا بىر-بىرىمىزگە مەدەت بېرىپ، ئاھالىلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى رەن خەييەن.

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، رەن خەييەن بىلەن بىرگە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيسى بولغان لى ياڭ بۇ قېتىم يەنە ئۆزىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ چىقىپ، مىدۇڭ رايونى نېفىت-خىمىيە تەۋەلىك رايونى چاۋياڭ مەھەللىسىنىڭ مېھىر-شەپقەت ئاپتوموبىلى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، ئاھالىلەرنى تاساددىپىي ۋەقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. «رەن ھەدىنىڭ مېھىرلىك كۆڭلى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئالاھىدە مەزگىلدە كۈچۈم يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىش، مەندەك بىر ئاھالىنىڭ بۇرچى» دېدى ئۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش پىدائىيلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ يۇڭچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ پاراۋانلىق تەشكىلاتىدىكى 100دىن ئارتۇق پىدائىي مەھەللىلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ياش پىدائىيلار بولۇپ، كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ پىدائىيلار قوشۇلىدىكەن، بۇ پىدائىيلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تەجرىبىسى مول بولۇپ، مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم تولۇقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، مەھەللە، ئاپتوبۇس بېكىتى، يول ئېغىزى قاتارلىق جايلاردا، ياش پىدائىيلارنىڭ سىيماسىنى ھەر ۋاقىت ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم مۇلازىمەت كۈچىگە ئايلاندى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پىدائىي توپلاش بۇيرۇقى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى قوزغىتىلغان بولۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى شۇ كۈنى چاقىرىق بۇيرۇقى تارقىتىپ، پۈتۈن شەھەردىكى كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئىتتىپاق كادىرلىرى، داشۆسىڭلارنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى ھۆددە كادىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەھەللىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقۇم مەزگىلىدىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، تەكشۈرۈشكە ياردەملىشىش، تەرتىپنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال، تەرتىپلىك ھالدا قاتنىشىشقا چاقىرغان.

(سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى