تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي ۋىرۇس بىلەن «جەڭ قىلىش»

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتى: ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي ۋىرۇس بىلەن «جەڭ قىلدى»

  «ئۇلار سەھەر سائەت 5تىن ئاشقاندا ئۆيىدىن چىققان، ئايروپىلان يەرگە قونۇشى بىلەن، ئۇدۇل دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى»

  «ئۇلار يېتىپ كېلىشى بىلەنلا، بىز دەرھال ئارىلىشىپ ئەترەت تۈزۈپ، تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىگە كىرىشىپ كەتتۇق»

  «ئۇلار كېلىپلا، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش مىقدارىنى كۆپەيتتى»

  «ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىزگە بولغان ياردىمى چوڭ بولدى»

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىكى بىر نەچچە خادىمنىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىگە بەرگەن باھاسىنى تېزلىكتە خاتىرىلىدى.

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 5-تارماق دوختۇرخانا دېيىلدى) تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ دېرىزىسىدىن قارىغاندا، مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغان بىرنەچچە سىيمانىڭ پۈتۈن دىققىتى بىلەن مەلۇم ئىشقا ئالدىراش بولۇپ، بىنا كارىدورى ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىشىمۇ تېز ۋە تەرتىپلىك بولۇپ، ئەتراپ بەئەينى «تىنچلاندۇرۇش كۇنۇپكىسى» بېسىپ قويۇلغاندەك، ئىنتايىن ئالدىراش ئەمما يەنە تىنچ ئىدى.

  تېببىي خادىملارنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، مۇخبىر تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپلا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭ جيېنى قىسقا زىيارەت قىلدى.

  «خۇبېي يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغان مەزگىلدە، شىنجاڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ تۈركۈم داۋالاش ئەترىتىنى خۇبېيغا بېرىپ ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى، بۇ دوستلۇق مېھرىنى خۇبېي خەلقى ئىزچىل ئېسىدە چىڭ ساقلاپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىشتا، بىز ھەرگىز باش تارتمايمىز» دېدى شياڭ جيې.

  ئۈرۈمچىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئاممىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن 10 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى ئۈرۈمچىگە كېلىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەردى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدىكى 21 خادىم ئەڭ ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.

  شياڭ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە كەلگەن خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش داۋالاش ئەترىتىدە جەمئىي 21 ئەزا بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ۋۇخەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىدىن كەلگەن.

  «ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا، ئۇلار ئۇدۇل دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىغا يۈگۈرۈپ، دوختۇرخانا رەھبەرلىرى بىلەن خىزمەت پىلانىنى يولغا قويۇش، ئۇدۇللاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىرلىشىپ، تەجرىبە دورىلىرىنى يۆتكىدى، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشىدى... مىنۇت-سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى» دېدى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 5-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇڭ خەييەن.

  ۋۇخەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ بىچېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئەسلىدىلا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغىلى كەلگەن، بىز چوقۇم پۇرسەتنى تېزدىن تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بىز قانچە تېز قىلساق، ئامما شۇنچە خاتىرجەم بولىدۇ.»

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش بىر مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ۋىرۇسنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئېلىش، سىستېمىلىق تەڭشەش، كومپىيۇتېردا كېڭەيتىشتىن ئەڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىشقۇچە، ئەڭ ئاز بولغاندا ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ، پېچەتلەنگەن ئەۋرىشكە ساندۇقىنى ئاچقاندىن تارتىپ تاكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققۇچە، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ زېھنىنى يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرگەن خىزمەت ھالىتىدە ئاز دېگەندە ئالتە سائەت توختىماي ئىشلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  مۇخبىر نەق مەيداندا، تىنچىق مۇداپىئە كىيىمى، قېلىن ئېمولسىيە پەلىيىنىڭ دوختۇرلارنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەردە ھۆل بولۇپ ئۇلارنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، «5-تارماق دوختۇرخانا بىلەن ئارىلىشىپ تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىمىز يۇقىرى سۈرئەتتە خىزمەت قىىۋاتىدۇ، ھەربىر كىشى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.» ۋۇخەن شەھەرلىك ئۆپكە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى رېن يى مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش ۋەزىپە-مەسئۇلىيىمىز، شۇنداقلا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىمىز!

  «ئۇلار نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش-ئېلىش ئۈسكۈنىسى، PCR كېڭەيتىش ئۈسكۈنىسى، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان تۇخۇم ساندۇقى قاتارلىق ئۈسكۈنە ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى قاتارلىق داۋالاشتا كۆپ خورايدىغان ماتېرىياللارنى ئېلىپ كەپتۇ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىزگە بولغان ياردىمى ئىنتايىن چوڭ بولدى» دېدى 5-قارماق دوختۇرخانا تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باش تېخنىكى شيې چېنشى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ 21 كىشىلىك ئەترەتتە، بەزىلەر كېچىلىك ئىسمېنادىن چۈشۈپلا ئايرودرومغا بېرىپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن؛ يەنە بەزىلەر دەم ئېلىشىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ بالىلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرغاندا، يەنە قايتىدىن «ساۋۇت كىيىپ» جەڭگە ئاتلانغان...

  شياڭ جيې مۇنداق دېدى: «سىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىڭلار، بىز نۇرغۇن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشتىن كەچۈردۇق، ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈشتە تەجرىبىمىز بار، دوكلات نەتىجىسىنىڭ چىقىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىمىز!»

(مۇخبىرلار گو لىڭ خەۋىرى، ياڭ گۇاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى