تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك

لى پېڭشىن بىر قىسىم دوختۇرخانا ۋە كارخانىلاردا تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي فورما چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنتيەنشەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا كاپالىتى خىزمىتى ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 6 - خەلق دوختۇرخانىسىدا لى پېڭشىن كېسەلخانىلارنى تەڭشەپ تەقسىملەش، ئاغرىقلارنى يۆتكەپ توشۇش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي دوختۇرخانىنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك. قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ، تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېزدىن دەل جايىدا سەپلەپ، خادىملارنى تەربىيەلەش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ سىناش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئېغىر ئاغرىقلارغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەشكە دىققەت قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ساغلاملىقىنى كۈندىلىك كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇملىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنى تولۇپ تاشقان ياخشى روھىي ھالەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلاندۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي فورما چەكلىك شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەر كۈنى 5000 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى، شىنجاڭ جىنتيەنشەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەر كۈنى 400 مىڭ دانە ماسكا ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەييارلىق كۆرۈپ قويۇپ ئىشلەتمىسەك بولىدۇكى، لېكىن ئىشلىتىدىغاندا تەييارلىق بولمىسا بولمايدۇ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇش، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتكە ئېتىبار بېرىش، يىراق كەلگۈسىگە ئېتىبار بېرىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ كاپالەتلەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، سېتىۋېلىش ۋاقتىدا بولۇش، زاپىسى تولۇق بولۇش، تارقىتىش جايىدا بولۇش، كاپالەت كۈچلۈك بولۇش، بازار تەكشى، مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتىشى كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ماددىي ئەشيالارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى