تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بارلىق ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش ئۈنۈملۈك، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق بولدى

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

بارلىق ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش ئۈنۈملۈك، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت نۆلدىن 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 16سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن توققۇزى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 46سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 50ى بار.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قوبۇل قىلىنىپ داۋالىنىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ يۈشيانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دوختۇرخانا دەسلەپكى لايىھە بويىچە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنى ئالدىن تەييارلاپ، تېزدىن كىلىنىكىدا جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئەترىتى قۇرۇپ، مەنپىي بېسىملىق كېسەلخانىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوبۇل قىلىپ داۋالىغان. گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ دوختۇرخانا دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» قوللىنىپ، كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بويىچە داۋالاشنى يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. نۆۋەتتە، بارلىق ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش پائال ئۈنۈملۈك، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلىق بولۇۋېتىپتۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ قېتىم يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى بىرنەچچە كۈندە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىرقەدەر تېز بولدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر رۇي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش قانۇنىيىتى بويىچە، بۇ قېتىمقى يېڭىدىن تارقالغان يۇقۇمدا ئەڭ دەسلەپكى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار يوشۇرۇن مەزگىلىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىغا ئۆزگەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بايقالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى «بىر تەرەپتىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، بىر تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش» پىرىنسىپى بويىچە تېز سۈرئەتتە كەسكىن، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى، بەزى ئاغرىق مىساللىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى سۈپىتىدە تەكشۈرۈپ چىقىلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ بىردەك بىر قېتىملىق يىغىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت بىلەن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە باغلىنىشى بار بولۇپ، ئاشكارىلانغان ۋاقىتقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ دەسلەپكى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كېسەل قوزغالغان، دەسلەپكى ھۆكۈمگە قارىغاندا، ھازىرقى تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار ئىچىدىن تەكشۈرۈپ چىقىلىدىغان ئاغرىق مىساللىرىدا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلىدىكەن.

تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. رۇي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى تېزدىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنى تەشكىللەپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تەكشۈردى، يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى ئىلغاپ تەكشۈردى، پەرقلەندۈردى ھەم تېببىي كۆزەتتى. قىزىغان ئاغرىقلارنى كېچىلەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈردى. ھازىرغا قەدەر رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىردەك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلدى.

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئەۋەتكەن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پائال پايدىلىنىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۈرۈمچى شەھىرى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قاتلاممۇقاتلام رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈپ، يۇقۇش مەنبەسى، تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى