تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەر رايونى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەندى

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ خادىملىرى سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ياڭ گۇاڭ، لۈي يىخەن خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردىن 7-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە ئۇدا يەتتە كۈن ھەر كۈنى كېچە سائەت 00:00دىن 8:00گىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرى ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى يوللارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى ھەمدە ھەرقايسى رايون(ناھىيە)لاردا مەھەللە كوچىلىرى، ئولتۇراق رايون ۋە ھويلا-ئارانلارنى دېزىنفېكسىيەلەشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇشنى ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇردى.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ خادىمى سۇ چېچىش ئاپتوموبىلىغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاچىلىماقتا.

  لو جيەنجياڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تازىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئاساسلىقى ساڭفاڭگۇ يولى ۋە جۇجياڭ يولى بۆلىكىگە مەسئۇل. «بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، ئىش ئورنىدىكى مۇھىت تازىلىق ئىشچىلىرى كۈندۈزى يول ياقىسىدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكىتى، يەر ئاستى يولى، دۇكانلارنىڭ ئالدىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىنچىكە دېزىنفېكسىيە قىلدى، ھەركۈنى كەچتە غول لىنىيە يوللىرى، كوچا ياقىسىدىكى ئەخلەت ساندۇقى، مېۋە شۆپۈكى ساندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى دېزىنفېكسىيەلىدى» دېدى لو جيەنجياڭ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دېزىنفېكسىيەلەش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەرنىڭ تېخىمۇ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ يولىدا، شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-تۇشۇش ئەترىتىنىڭ سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، سايباغ رايونى ئالتە دېزىنفېكسىيەلەش ئاپتوموبىلى ئاجرىتىپ، غول لىنىيە يوللىرىنى دېزىنفېكسىيەلىدى. سايباغ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ شوپۇرى جاڭ تيەنخۇەن ھىدروگېن پېروكسىد ئېرىتمىسى ئارىلاشتۇرۇلغان كۆپ ئىقتىدارلىق چاڭ-توزان تىزگىنلەش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، پۈتۈن رايوننىڭ يوللىرىغا پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە قىلىشقا باشلىدى، پەقەت ئاپتوموبىل كىرگىلى بولسىلا، ئۇ ۋە خىزمەتداشلىرى بىر قېتىمدىن كىرىپ دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  «ھەربىر ئاپتوموبىلغا 12 كۇب مېتىر سۇ پاتىدۇ، بىر قېتىم پۈتۈن لىنىيەنى دېزىنفېكسىيەلەشكە تۆت، بەش سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، بىر كېچىدە سايباغ رايونىنى بەش قېتىم ئايلىنىپ چىقىمىز» دېدى جاڭ تيەنخۇەن.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ يولى كەررېفور تاللا بازىرى ئەتراپىدا، شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 20:30دا، شىمىگۇ رايونى چىداۋان يولىدا، دېزىنفېكسىيە ئاپتوموبىللىرى تولۇق تەييارلىنىپ يولغا چىقىشنى كۈتۈپ تۇردى. شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ شوپۇرى جاڭ خۇەيدې ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى خۇڭگۇاڭسەن يولى، كۆرگەزمە مەركىزى يولى قاتارلىق غول لىنىيە يوللىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، جاڭ خۇەيدې نەنخۇ يولى، كۇئېنلۇن يولى، شۇنداقلا بىر قىسىم كوچىلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىۋاتقاندا، ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىدىكى تۆت پۈركۈگۈچنى تەكشى ئېچىپ، يولنى دېزىنفېكسىيەلەيتتى.

  شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋېن جياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، شىمىگۇ رايونى دېزىنفېكسىيە قىلىش ئاپتوموبىلىدىن 10نى ئاجرىتىپ، شىمىگۇ رايونىدىكى 63 غول، قوشۇمچە يول لىنىيەسىنى دېزىنفېكسىيەلىدى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، دېزىنفېكسىيە مەشغۇلاتى كېچىدە ئېلىپ بېرىلىدى، شۇنداقلا پۈركۈش كۈچى كونترول قىلىندى. دېزىنفېكسىيە ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغان دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئۆلچەملىك تەڭشەش نىسبىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىندى».

  7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نەنخۇ يولىدا، شىمىگۇ رايونلۇق مۇھىت تازىلىقى تازىلاش-توشۇش ئەترىتىنىڭ سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى BRT نەنخۇ ئولتۇراق رايونى بېكىتىدىن ئۆتمەكتە.

  شەھەر رايونىدىكى كوچا يوللىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشتىن باشقا يەنە، ھەرقايسى مەھەللىلەر خادىملارنى تەشكىللەپ، كوچا، ئولتۇراق رايون ۋە ھويلا-ئارانلارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 8:00غىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇدا ئىككى كۈن پۈتۈن شەھەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىشنى قانات يايدۇرغان، دېزىنفېكسىيە ئاپتوموبىللىرى جەمئىي 430 قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلغان، 524 غول، قوشۇمچە يولنى تەكرار دېزىنفېكسىيەلىگەن، دېزىنفېكسىيەلەش مۇساپىسى 2904 كىلومېتىرغا يەتكەن؛ 1455 كوچا، 3872 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، 2389 ھويلا-ئاراننى دېزىنفېكسىيەلىگەن، شەھەر رايونىدىكى يوللارنى دېزىنفېكسىيەلەشكە 37 توننا دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى