تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىشىدىكى ئۈچ سەۋەب

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئالدىنقى ئۈچ كۈنگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى: بىرىنچىدىن، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۈنۈملۈك ئايدىڭلاشتۇرۇپ چىقىلغان ھەمدە ھەممىسى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىپ، تارقىلىش زەنجىرى ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلانغان. ئىككىنچىدىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ قوزغىلىش يوشۇرۇن مەزگىلى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى مەزگىلدە تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلغان بىر ئەۋلاد يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئۆزگەرگەن؛ ئۈچىنچىدىن، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋاقتىدا شەھەرنى قاتتىق باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، خادىملارنىڭ گىرەلەشمە يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى توسقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى