تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرىدا ھەركۈنى بازارغا سېلىنغان كۆكتات 4000 توننىدىن ئېشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر گو لىڭ): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرىدا ھەركۈنى بازارغا سېلىنغان كۆكتات 4000 توننىدىن ئېشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى.

  شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرىنجى دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرى __ جيۇدىڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىنىڭ كۆكتات سودا مىقدارى 3100 توننا، ئىككىنجى دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرى شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرىنىڭ كۆكتات سودا مىقدارى 1520 توننا بولغان؛ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى جيۇدىڭ بازىرىدا 2823 توننا، شىنليەن بازىرىدا 1080 توننا كۆكتات سودىسى قىلىنغان؛ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى جيۇدىڭ بازىرىدا 3083 توننا، شىنليەن بازىرىدا 1200 توننا كۆكتات سودىسى قىلىنغان.

  مۇخبىرنىڭ يەنە لىڭچىڭ، يېڭى بېييۈەنچۇن، تۇڭخۇي قاتارلىق توپ سېتىش بازارلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بازاردىكى تىجارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جيۇدىڭ، شىنليەن كۆكتات توپ سېتىش بازىرى ئارقىلىق پارچە سېتىۋالىدىكەن، نۆۋەتتە يەنە كۆكتات ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، بىۋاسىتە يىغىپ، بىۋاسىتە تەمىنلەپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى «مۇھىم تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرى تەمىناتىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»نى يولغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باھانى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشقا چۈشتى، خىزمەت گۇرۇپپىسى سەككىز خىزمەت كىچىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، گۆش، كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىگە مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ماس ئىلگىرى سۈردى.

  شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ ئىدارە باشلىقى يەن جۈن مۇنداق دېدى: «7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە بازارنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ سودا تارماقلىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، گۆش بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىدىكى 10 نەچچە ئالاقىلاشقۇچىنىڭ تىزىملىكىنى مەھەللىلەرگە تارقىتىپ، خادىملارنىڭ ئالاقىلىشىشىغا، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كالا-قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، چوشقا گۆشى بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئۇن، گۈرۈچ، ياغ سېتىش قاتارلىقلار نورمال سەۋىيەنى ساقلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ