تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى: تىيانشان رايونىدا تەكشۈرۈش ئاياغلىشىپ، سايباغ رايونى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باشلىدى، باشقا رايون، ناھىيەلەر تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ جيەنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقان ۋە نۇقتىلىق خادىملارغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا، تىيانشان رايونىدا تەكشۈرۈش ئاياغلىشىپ، سايباغ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش باشلاندى، باشقا رايون، ناھىيەلەر تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرىدىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىمەكتە. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بارلىق خادىملاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، خالىغانچە ھەق ئېلىش قىلمىشى بەلگىلىمە ۋە ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەر ئەينەن قايتۇرۇلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 4689245-0991، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ