تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چاڭ جيەنمېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەت سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى تەشكىللىگەن نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش 10 داۋالاش ئەترىتى(ھەربىر گۇرۇپپىدا 20 ئەتراپىدا ئادەم بار) تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن 53نى ئېلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەۋرىشكە ئېلىش خادىملىرى بىلەن ئارىلىشىپ تەشكىللىنىپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.