تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: زاۋۇتتىن چىققان سۇ ۋە تۇرۇبا تور سۈيىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشنى زورايتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى) :7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى تيەنگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، سۇ مەنبەسى، ھەرقايسى سۇ زاۋۇتلىرىنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، زاۋۇتتىن چىققان سۇ ۋە تۇرۇبا تور سۈيىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى زورايتىش، بولۇپمۇ، دوختۇرخانا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى، سۇ بېسىمىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالتە سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى تۆت سائەتتە بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە قىسقارتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى سۇ بېسىمىنىڭ يېتەرلىك، سۇ مىقدارىنىڭ يېتەرلىك، سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى