تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئاشلىق، ياغ بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك، مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، 7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى بازىرىدا ئاشلىق، ياغنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا قىسقا مۇددەتلىك ئېشىش كۆرۈلگەن، ئەمما باھادا ئۆزگىرىش بولمىغان. 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئۈرۈمچى بازارلىرىدا ئاشلىق، ياغنىڭ سېتىلىش مىقدارى نورماللاشقان.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر دوستلۇق تاللا بازىرى شىنشىڭ كوچىسى دۇكىنىدا، ئۇنلارنىڭ ئېگىز دەستىلەنگەنلىكىنى، بۇ تاللا بازىرىدىكى ئاشلىق، ياغ زاپىسىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق، ياغ ئامبار قالدۇقى يېتەرلىك، زاپىسىنىڭ تولۇق ۋە تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئامباردىكى سىياسەت خاراكتېرلىك بۇغداي 5 مىليون 858 مىڭ توننىغا يېتىپ، تەكشۈرۈلگەن نۇقتىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، توپ سېتىش بازىرى، چوڭ تاللا بازارلىرىنىڭ تەييار ئاشلىق، ياغ زاپىسى 195 مىڭ توننىغا يەتتى. ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىشكە كىرگۈزۈلگەن 85 كۆلەمدىن يۇقىرى ئۇن پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى 6000 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بازار ئىستېمال ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق، ياغ بازىرىنى تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق مەنبەسىنى تەڭشەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاشلىق بازىرى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت مۆلچەرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاشلىق، ياغ بازىرى تەمىناتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ