تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ۋە تارقىتىشقا دائىر تىپىك دېلو مىسالىدىن ئالتىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار كۆرۈلۈپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئەندىشىگە سالدى. بۇنىڭغا  قارىتا،  ئاپتونوم  رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ھەر مىللەت ئامما پائال ئاۋاز قوشتى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر تېز سۈرئەتتە ياردەم بەردى، پۈتۈن كۈچ «يۇقۇم»غا قارشى تۇرۇش جېڭىگە ئاتلاندى، لېكىن ئايرىم تور ئەھلى ئالاقە تورى ئارقىلىق يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم  رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئالاقىدار پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى ۋە تارقاتقۇچىلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
    1-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ليۇ X، تۇڭ X قاتارلىق تۆت كىشىنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى
    2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى ليۇ X (ئايال، خەنزۇ، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: جياڭسۇ ئۆلكىسى شۈجوۋ شەھىرى)، تۇڭ X (ئەر، خەنزۇ، 41 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى)، خۇاڭ X (ئەر، جۇاڭزۇ، 34 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى چۇڭزو شەھىرى)، جەي X (ئەر، خەنزۇ، 29 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى)لەرنىڭ ۋېيشىن توپىدا «قەشقەردە XX ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ليۇ X، تۇڭ X قاتارلىق تۆت كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.
    2-دېلو مىسالى: قاراماي شەھىرىدىكى تور ئەھلى شىڭ X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى
   2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى شىڭ X (ئايال، خەنزۇ، 33 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا «قارامايدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى بار بولدى» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە شىڭ X كە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.
  3-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى لى X، چېن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى
  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، تور ئەھلى لى X (ئەر، خەنزۇ، 28 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېنەن ئۆلكىسى نەنياڭ شەھىرى)، چېن X (ئەر، خەنزۇ، 23 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى)لەرنىڭ ۋېيشىن توپىدا «شايار ناھىيەسى چۈشتىن كېيىن شەھەرنى قامال قىلىدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لى X، چېن X ئىككى كىشىگە تەنقىد-تەربىيە بەردى ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويدى.
  4-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى جىن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش دېلوسى
    2020-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تور ئەھلى جىن X (ئايال، خەنزۇ، 64 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا «بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەلۇم ئايال قازاقىستان ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەندە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئايرىش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جىن Xكە مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇش ھەم 500 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بەردى.
  5-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى شېن X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋاغا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى
  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، تور ئەھلى شېن X (ئەر، خەنزۇ، 64 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى)نىڭ ۋېيشىن توپىدا يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى شېن Xنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلدى.
  6-دېلو مىسالى: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ما X نىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرى تارقىتىش دېلوسى
  2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، تور ئەھلى ما X (ئايال، خەنزۇ، 44 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: سانجى ئوبلاستى سانجى شەھىرى)نىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە «7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن! شىنجاڭدىكى بىر يۇقۇملانغۇچى ئاچچىقىدا ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى كۆيدۈرۈۋەتتى، 47 ئادەم كۆيۈپ ئۆلدى، نەق مەيداندىن ئېچىنىشلىق ئاۋازلار ئاڭلاندى!!» تېمىسىدا پىتنە-ئىغۋا ئۇچۇرىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق ھەم ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ما X كە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.
  ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، كەڭ تور ئەھلى چوقۇم نوپۇزلۇق تاراتقۇ، ھۆكۈمەت تەرەپ يولى ئارقىلىق يۇقۇم ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلىشى، مۇنتىزىم بولمىغان مەنبە، ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىغا ھەرگىز ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى، ئۇنى تارقاتماسلىقى كېرەك، يۇقۇمغا چېتىشلىق ساختا ئۇچۇر ۋە ساختا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى سۇبيېكتىپ پەرەز قىلىشقا، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تارقىتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، توردا پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ جەمئىيەت ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تۆۋەن چەككە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرماي، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئىغىۋا تارقاتماي، ياخشى تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ تۆھپە كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

  پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادېرىسى: www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى: 2384777-0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى: xjwljb@xjts.cn

  ۋېيبو: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش 新疆网络举报 @

  ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى