ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قەشقەرگە كىرگەن ئاغرىق مىسالىنىڭ ئەھۋالىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 17نى دوكلات قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە (ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى) بولۇپ، ھازىر ئاساسلىق ئەھۋالىنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:
ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، ئايال، 69 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن ئاغرىق مىسالى. نۆۋەتتە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى. يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى رەتكە تۇرغۇزۇلدى ھەمدە قوش مۇداپىئە ۋە نوكلېئىك كىسلاتاسى تەكشۈرۈلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىردەك مەنپىي بولۇپ، يېقىندىن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدا تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە پىتنە-ئېغۋاغا ئىشەنمەي، پىتنە-ئېغۋا تارقاتماي، مەھەللىنىڭ يۇقۇمنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىپ، بىخەتەر جەمئىيەت ئالاقىسى ئارىلىقى ساقلاشقا، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، توپلىشىۋالماسلىق قاتارلىق ساغلاملىق ھەرىكەتلىرىدە چىڭ تۇرۇشنى ئەسكەرتىمىز.
قەشقەر شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى