تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دۇ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى) 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: بىز پۈتۈن شەھەردىكى نۇقتىلىق مەھسۇلات، يېمەكلىك، نۇقتىلىق رايون سىرتىدىكى مۇھىت ۋە پاسكىنا سۇ ئەۋرىشكىلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئېلىپ باردۇق، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش نەتىجىسى بىردەك مەنپىي چىقتى.