تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك، ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك، ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت كۈچى بىرتۇتاش پىلانلاندى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىك پىكرى بويىچە، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، ئەڭ قەتئىي، ئەڭ كەسكىن، ئەڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېڭىيىشى، يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىكنىڭ خىزمەت كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېڭى تېخنىكىلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسى، تارقىلىش يولىنى تېز ئېنىقلاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بىر تەرەپتىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، بىر تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچراشقان مەيدان - سورۇن ۋە چېتىشلىق خادىملارنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، ئايرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇشسىز قېلىش، باشقۇرۇشتىن چۈشۈپ قېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇش كېرەك. بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلار، زاپاس دوختۇرخانىلارنىڭ قۇتقۇزۇش - داۋالاش شارائىتىنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى تولۇق سەپلەپ، يېتەرلىك سەپلەپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنىنى ئىلمىي تەڭشەپ - ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش كېرەك. تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ داۋالىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئىشنىڭ ئېغىر ياكى يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى پەرقلەندۈرۈپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى نۇقتىلىق، تۈركۈم قېتىمغا ئايرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، قوشۇن سەپلەشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ زىچ جىپسىلىشىشى، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەڭ تېز ۋاقىت ئۈنۈمى ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈشنى خالىسىلا تولۇق تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، ۋاڭ مىڭشەن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، ياڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى