تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن

ليۇ چيەنشېڭ

تېببىي خادىملار ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇۋاتىدۇ، داۋالاۋاتىدۇ؛ مەھەللە خىزمەتچىلىرى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىدۇ؛ ئاساسىي قاتلام خەلق ساقچىلىرى كېچە - كۈندۈز دىجورنىلىق قىلىپ، بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتىدۇ؛ يەنە كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مۇھىت تازىلىقى خادىملىرى، پىدائىيلار... ئۈرۈمچىدىكى يۇقۇم ئالدىدا، نۇرغۇنلىغان كىشى كەسپىنى قەدىرلەپ، دىجورنىلىق قىلىپ، ئۈن - تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلىماقتا.

بىر ناخشىدا مۇنداق ئېيتىلغان: «سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ھاياتىمدىكى ھەربىر كۈندە.» مۇشۇ تاپتا بۇنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە بولغان مىننەتدارلىقىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەشكە ئىشلەتسەك ئەڭ مۇۋاپىق. بىز چىن قەلبىمىزدىن مۇنداق دەيمىز: رەھمەت، سىلەر جاپا چەكتىڭلار! جىسمىڭلاردىن باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، سادىقلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ قىممەت نۇرلىرى چاقناپ تۇرماقتا؛ سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.

رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى «ھەمسەپەر بولۇش». ئىش ئورنى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەممە ئادەمنىڭ بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشى ھاجەتسىز، بىز ھەربىرىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ماسلىشىپ ۋە مەدەت بېرىپ، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى تەقدىم قىلساق بولىدۇ. ھەربىرىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئەتراپىمىزدىن باشلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلساقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقالايمىز.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل