تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى

ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12دىن 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 13ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 18ى يېڭىدىن كۆپەيگەن. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 30ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 41ى بار.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 25 نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1600دىن ئارتۇق تېببىي خىزمەتچى ئاجرىتىپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئون ئۆلكە، شەھەردىن تەشكىللىگەن ئون نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش - داۋالاش ئەترىتىدىكى 200دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن بىرلىكتە، رايون (ناھىيە)نى بىرلىك قىلىپ، پۈتۈن شەھەردە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. «تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش» خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر مەركەزلىك ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار ۋە ئائىلىدە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر رۇي باۋلىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلاردىن كۆرۈلگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ زىيادە ئالاقزەدە بولۇشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن. نۆۋەتتە يۇقۇم مەنبەسىنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، كېسەللىك مەنبەسىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى قەتئىي تىزگىنلەيدىكەن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە خەلققە قولايلىق بىرقاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بىر تەرەپتىن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ دورا سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇزاق مۇددەتلىك رېتسېپ ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلاردىن دىياگنوز قويۇپ داۋالانغان دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارنىڭ باھالىشى ئارقىلىق، كېسەللىك ئەھۋالى مۇقىملاشقان دورا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رېتسېپلىق دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈچ ئايغا ئۇزارتىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى پارچە ساتىدىغان بەلگىلەنگەن 68 دورىخانا دورا بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاغرىقلارنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋالاش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، تېلېفون قىلىپ بېجىرىش، پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش، ۋاقتىدا بېجىرىش، خەلققە قولاي بېجىرىش، ئالدىن كېلىشىپ بېجىرىش قاتارلىق «يەتتە بېجىرىش»تىن ئىبارەت خەلققە قولاي مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاممىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىشىگە قولايلىق ياراتتى.

يۇقۇم مەزگىلىدىكى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يېزا بازىرى (قەرەللىك بازار)، سودا ساراي (تاللا بازىرى)، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى، كۆكتات (ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەر) دۇكىنىنىڭ سېتىۋېلىش يوللىرى، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە سېتىش باھاسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، مەھەللىلەر ۋە ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىدىكى كۆكتات دۇكانلىرىنىڭ باھاغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، پارچە سېتىش بۆلىكىدىكى باھانىڭ ئۆسۈش ھەجمىنى تىزگىنلىدى. توپ سېتىش بازارلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، توپ سېتىش باھاسىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، مال باھاسىنىڭ تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دورا تىجارىتى قىلىدىغان، ئىشلىتىدىغان 232 ئورۇنغا قارىتا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تۈرىدىكى دورىلار، ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلىغىلى بولۇش، سۈپىتى لاياقەتلىك بولۇش، تەمىنلەش تولۇق بولۇش، باھاسى مۇقىم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى