تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

مۇتەخەسسىس مۇنداق ئەسكەرتتى:

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچىنىڭ پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە تۈركۈمگە بۆلۈپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىگە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتتى.

جاڭ ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەرقايسى رايونلاردا بىرقانچە ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنى تەرتىپلىك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپ بويىچە بەلگىلەنگەن ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا ئەۋرىشكە ئېلىشقا قاتنىشىپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىپ، بىر مېتىر بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ، ئولىشىۋالماي، توپلىشىۋالماي، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەرتىپلىك ماسلىشىشى كېرەك ئىكەن.

جاڭ ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىگە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتكەندە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى: نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشتىن ئىلگىرىكى ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە تاماق يېمەسلىك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە ئېلىشتىن ئىلگىرىكى 30 مىنۇت ئىچىدە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك ۋە سېغىز چاينىماسلىق كېرەك؛ گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، بارلىق تەكشۈرتكۈچىلەر ماسكا تاقىشى ھەمدە بىرنى زاپاس تەييارلاپ، ئەۋرىشكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇشى كېرەك؛ بۇرۇن - يۇتقۇنچاق پەلكۈچى بىلەن ئەۋرىشكە ئېلىشتىن ئىلگىرى، تەكشۈرتكۈچىلەر ئەۋرىشكە ئالىدىغان خادىملارغا بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئېگىلىش ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ئوپېراتسىيەسى تارىخى بار - يوقلۇقىنى ئېيتىشى كېرەك، ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانىدا بۇرۇن قىچىشىش، غىدىقلىنىپ چۈشكۈرۈش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ چاغدا دەرھال قەغەز ياكى جەينەك بىلەن توسۇۋېلىش كېرەك؛ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشنىڭ ئالدى - كەينىدە قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز ئىسپىرت بىلەن قولنى سۈرتۈپ پاكىزلاش؛ ئەۋرىشكە ئالغاندا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا بىر مېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق ساقلاش؛ ئەۋرىشكە ئالغان ھەم دوكلاتنى ئالغاندا جەزمەن كىملىكنى ئېلىپ كېلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى