تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىگە كاماندىروپكىغا، ساياھەتكە كەلگەن دوستلار، بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈڭ

  ئۈرۈمچى شەھىرىگە كاماندىروپكىغا، ساياھەتكە كەلگەن دوستلار:

  ياخشىمۇسىلەر! بۇ قېتىم تۇيۇقسىز تارقالغان يۇقۇم كۆپچىلىكنىڭ ئەسلىدىكى سەپەر پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ۋاقتىدا ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. بۇ جەرياندا، باشقا جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ھەربىر دوست ۋەزىيەتنى تولۇق چۈشىنىپ، ئاكتىپ ماسلىشىپ، نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەردى.

  كۆپچىلىكنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە تۇرمۇشىغا يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق مېھمانخانىلاردا كۆپچىلىكنى ھەقسىز تاماق، ياتاق، ھەقسىز ئاپىرىپ-ئەكىلىش، ھەقسىز تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز. ئەگەر سىز تاماق، ياتاق جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككى مېھمانخانا بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

  ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

  مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت تېلېفونى: 2351002، 2202370-0991

  ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مېھمانسارىيى: 3181111-0991

  شىئېردۇن مېھمانسارىيى: 7838888-0991

  ئۈرۈمچى سىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ئامان بولۇڭلار!

  ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ