تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن: ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلار

 

ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانبايدا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 5-تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى مۇداپىئە كىيىمى كىيمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ۋەندې، نىيې نىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شيې خۇڭ، لى شياۋلىڭ، لۈ جى خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچىدە تومۇز باشلاندى، ھاۋا ئوچۇق، قۇياشنىڭ تەپتى ئوتتەك ئىسسىق، 34، 36... تېمپېراتۇرا مەيلى قانچىلىك يۇقىرى بولسۇن، ھەرقايسى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرغۇچىلار باشتىن-ئاخىر بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، مۇداپىئە كىيىمىدىن يامغۇردەك تەر ئاقسىمۇ، ئۇلار يەنىلا خىزمەتنى داۋاملاشتۇردى، ھېرىپ كەتسە بىرەر جاينى تېپىپ، يېتىپلا ئۇخلاپ قالاتتى... سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن: ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلار.

ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تودۇڭخابا رايونى)لۇق باج ئىدارىسىنىڭ غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى سەنشىۋۇخۇ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئولتۇراق رايون مەيدان-سورۇنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق 3-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي خادىمى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئالدىراش ئىشلىمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇلانبايدا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى 5-تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى مۇداپىئە كىيىمىنى سالماقتا.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تودۇڭخابا رايونى)لۇق باج ئىدارىسىنىڭ غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى سەنشىۋۇخۇ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزاسىنىڭ دېزىنفېكسىيە خىزمىتىنى تۈگىتىپ، مۇداپىئە كىيىمىنى سېلىۋەتكەندىن كېيىنكى ھالىتى.

  سەھەر سائەت4:00تە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا رايونى(تودۇڭخابا رايونى)لۇق باج ئىدارىسىنىڭ غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى سەنشىۋۇخۇ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لو يۈلىڭ دىجورنىلىق ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن مەھەللىگە قايتماقتا.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تودۇڭخابا رايونى)لۇق باج ئىدارىسىنىڭ غەربىي ۋوگزال تەۋەلىك رايونى سەنشىۋۇخۇ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى تەۋەلىكتىكى ياشانغانلارغا تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى شىمالىي شەھەر رايونى تىرانسفورماتور يۈرۈشۈشىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مېڭ فەنچى بىلەن كەۋسەر 35 كىلوۋولتلىق ياڭماۋگۇڭ تىرانسفورماتور پونكىتىنىڭ ئېغىر تىپتىكى ئاساسىي تىرانسفورموتورىنى ئالاھىدە تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى