تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە يېنىك تىپتىكىسىدىن 20سى، ئادەتتىكى تىپتىكىسىدىن 24ى، ئېغىر تىپتىكىسىدىن 2سى بار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ، دوۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ يۈشيا.

  ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ يۈشيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق 6-خەلق دوختۇرخانىسى جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 46نى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 50نى قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتىدۇ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ئىچىدە يېنىك تىپتىكىدىن 20سى، ئادەتتىكى تىپتىكىدىن 24ى، ئېغىر تىپتىكىدىن 2سى بار. نۆۋەتتە، بارلىق ئاغرىق مىساللىرىنى داۋالاش پائال، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشتى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ قوزغىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللاندۇق:

  بىرىنچى، دەسلەپكى لايىھە بويىچە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيا زاپىسى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى قۇرۇشنى ئالدىن ئېلىپ باردۇق، شۇنداقلا، ھازىر بار بولغان ئۆتكۈر خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىرى بىناسىدىكى ئاغرىقلارنى يۆتكەپ، ۋاقتىدا مەنپىي بېسىملىق كېسەلخانا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدۇق.

  ئىككىنچى، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، بىرىنچى ۋاقىتتا نەپەس، ئېغىر كېسەل، يۇقۇملىنىش، جۇڭيى تېبابىتى، پەرۋىش، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ 55 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى»نى قوزغىتىپ، ئاغرىق مىساللىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا باھالاپ، ئانالىز قىلدۇق، كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزگىرىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يېنىك تىپتىن ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.

  ئۈچىنچى، قاتلاملار بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، داۋاملىق كۈچىدۇق. دوختۇرخانىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ 280 نەپەر ئەزاسىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا بېرىپ، كىلىنىكىلىق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش-داۋالاش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى قۇرۇپ، قاتلاملار بويىچە ئىش ئورنىغا چىقىش، نۆۋەت ئالمىشىش شەكلى ئارقىلىق، 1-سەپتىكى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  تۆتىنچى، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، دوختۇرخانا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق خىزمىتى ئالدىغا سۈرۈپ، كۈندىلىك كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل يۈرگۈزۈش، ھۆكۈم قىلىش، مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ، پۈتۈن دوختۇرخانىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئەھۋالىنى رەتلەپ، داۋالاش جەريانىدا ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوختۇرخانىنىڭ ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق.

  بەشىنچى، نۆۋەتتە، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى بىز بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بىز مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىر بار بولغان دىياگنوز قويۇش، داۋالاش لايىھەسى ۋە تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» بويىچە كۆپ پەنلەر ماسلىشىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بويىچە كېسەل تۈرلىرىنى داۋالاشنى يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى