تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغانلار يۇقىرى چەك بويىچە جازالىنىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ليۇ مېڭمېڭ، دۇ شىڭجۈن، جانات تولقىن خەۋىرى، فوتوسى): 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە ئامما ئېھتىياجلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنى تەشكىللەپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردى. 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلاردىن 1024 ئادەم قېتىم ئاجرىتىلىپ، 11 يېزا ئىگىلىك (بازارلىرى) سودا بازىرى، 282 سودا سارىيى (تاللا بازىرى)، 1464 كۆكتات (ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك) دۇكىنى، 232 دورا تىجارىتى قىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇن نازارەت قىلىندى ۋە تەكشۈرۈلدى، قوللانغان ئاساسلىق خىزمەت تەدبىرى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىرىنچى، باھا بويىچە مەخسۇس قانۇننى ئىجرا قىلىش قانات يايدۇرۇلدى. شەھەرلىك ئىدارىدە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىن يەتتىسى قۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى، يېزا ئىگىلىك سودا بازىرى، تاللا بازىرى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدىكى كۆكتات تىجارىتى قىلىدىغان دۇكانلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، باھانى ئېنىق يېزىش، سېتىۋېلىش يوللىرى، گۇۋاھنامە، تالون، مەھسۇلات سۈپىتى قاتارلىق ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەھۋاللار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ئەرز قىلىش-پاش قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر كۈچەيتىلدى.

ئىككىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مال باھاسى مۇقىملاشتۇرۇلدى. باھا توپلاش، تەكشۈرۈش، چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق، بازار باھاسى ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تاۋار باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. بىرىنچىدىن، ھەر كۈنى بىر توپ سېتىش بازىرى، ئۈچ توپ ۋە پارچە سېتىلىدىغان تىجارەت بازىرى، ئالتە نورمال تىجارەت قىلىدىغان سودا ساراي، تاللا بازىرىدىكى 40 خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋە ۋە گۆش، تۇخۇم، ئۆي قۇشلىرىنىڭ باھا ئۇچۇرى توپلاندى. ئىككىنچىدىن، ئوبوروت تاۋارلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش يوللىرى، مال زاپىسى، سېتىش ۋە باھا داۋالغۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار تەپسىلىي ئىگىلىنىپ، تىجارەتچىلەردىن باھانى ئېنىق يېزىش، سېتىۋېلىش-سېتىش باھا پەرقى نىسبىتىنى %35تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك تەلەپ قىلىندى. ئۈچىنچىدىن، شۇ كۈنى توپلانغان باھا ئۇچۇرى ئالدىنقى كۈنى ۋە 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئاساسىي باھا كۆرسەتكۈچى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى توپ سېتىش ھالقىسىدىكى 30 خىل كۆكتاتنىڭ باھاسى ئالدىنقى كۈندىكىگە قارىغاندا يېرىمدىن ئارتۇق تۈرنىڭ باھاسى چۈشكەن، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى كۆكتات، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇمنىڭ باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئاساسىدا سەل تۆۋەنلەش بولغان.

ئۈچىنچى، ئاممىنىڭ مال باھا تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى. «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشتا تېز، قولاي ھەل قىلىش يولى» ئېچىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىرلىشىپ تېز بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇقرالار ئەرز قىلغان مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ماسكا، ئىسپىرت قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە كۆكتات، ئاشلىق، ياغ، گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ باھا ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىنىپ، باھادا ئەرز قىلىش، پاش قىلىش ۋاقتىدا قوبۇل قىلىندى. بارلىق خادىملار ھەرىكەتلىنىپ باھا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەرز قىلىش-پاش قىلىش تېز بىر تەرەپ قىلىندى. يېقىنقى تۆت كۈندە، 12315 ئەرز قىلىش-پاش قىلىش تېلېفونىدا قوبۇل قىلىنغان 879 تۈرلۈك ئەرز قىلىش-پاش قىلىشلارنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇلدى، باھا تۈرىگە چېتىشلىق 627 ئەرز قىلىش-پاش قىلىش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار دېلو تۇرغۇزۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى.

تۆتىنچى، قانۇن قاتتىق، تېز ئىجرا قىلىنىپ دېلو بېجىرىلدى. «خەلق تۇرمۇشىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىلىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى، خەلق تۇرمۇشىدىكى تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلگەن ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلدى، 37سى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى (بۇنىڭ ئىچىدە باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش، باھانى ئېنىق يازماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش 35). بۇنىڭدىن كېيىن، بىز دۆلەتنىڭ باھا قانۇن-نىزاملىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە باھانى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بېكىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى يۇقىرى چەك بويىچە جازالايمىز ھەم قانۇنغا خىلاپ بازار سۇبيېكتىنى بىنورمال تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، نورمال بازار تىجارەت تەرتىپىنى قەتئىي قوغدايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى