تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

دەسلەپكى ھۆكۈم ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھازىر بار بولغان تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلاردىن تەكشۈرۈشتە ئاغرىق مىسالى بولۇپ چىقىدىغانلاردا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، مۇخبىرلىرىمىز دۇۋ شىڭجۈن، جانات تولقىن فوتوسى): 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۈي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 0دىن 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 16، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز. 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 24:00كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 46، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 50.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ قېتىم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بايقالغاندىن كېيىن، ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى دوكلات قىلىنغان ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ بولدى. بىر تەرەپتىن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش قانۇنىيىتى بويىچە، بۇ قېتىم يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇم بىلەن بىر ئەۋلاد يېقىندىن ئۇچراشقانلار يوشۇرۇن مەزگىلدە ئارقا-ئارقىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئۆزگەردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئاغرىق مىسالىنى بايقىغاندىن كېيىن، بىز «بىر تەرەپتىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، بىر تەرەپتىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش» پرىنسىپى بويىچە، تېز سۈرئەتتە كەسكىن، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئاغرىق مىساللىرى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى سۈپتىدە تەكشۈرۈپ چىقىلدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاغرىق مىسالى توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتتە بىللە مەۋجۇت بولغان تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمىگە باغلىنىشلىق، ئاشكارىلانغان ۋاقىتقا بىرلەشتۈرگەندە، بىر ئەۋلاد يېقىندىن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاغرىق بايقالغان، دەسلەپكى ھۆكۈمدە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر بار بولغان تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلاردىن تەكشۈرۈشتە ئاغرىق مىسالى بولۇپ چىقىدىغانلاردا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى