تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

【يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلبىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش】 ئۈرۈمچىدىكى مەھەللىلەر دېزىنفېكسىيەلەش، تازىلاشنى بوشاشتۇرمىدى

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى شىنگۇاڭ مەھەللىسى ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە پىدائىيلار پۈركۈگۈچ بىلەن ئولتۇراق رايوننىڭ يول، ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، تىيانشان رايونى تىنچلىق جەنۇبىي يولى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدا، خىزمەتچى خادىم ئولتۇراق رايوندىكى ئەخلەت پونكىتىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى چياۋدۇڭ مەھەللىسىدىكى «مىڭشىن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ ئەزاسى چېن جىڭچى ئاھالىلەر بىناسىنىڭ لىفىتىنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، يېڭى بېييۈەنچۈن قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بازىرىدا، بازار خىزمەتچى خادىملىرى بازارنى كۈندىلىك دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ۋېيسىتې شىجى خۇايۈەن ئولتۇراق رايونىدا، شىمىگۇ رايونى ۋېنچۇەن شىمالىي مەھەللىسىدىكى پىدائىي ما جىپىڭ مۇداپىئە جابدۇقلىرى بىلەن يېرىم سائەت دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى.

7-ئاينىڭ 19-كۈنى، چىداۋان جەنۇبىي يولىدا، شىمىگۇ رايونى مۇھىت تازىلىقى توشۇش ئەترىتى سۇ چېچىش ئاپتوموبىلى دېزىنفېكسىيەلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.

7-ئاينىڭ 18-كۈنى، سايباغ رايونىنىڭ ياڭگۇاڭ يارۈنيۈەن 6-قارارىدا، فۇدى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋۇ سۇڭ ئولتۇراق رايوننىڭ يوللىرىغا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى چاچماقتا.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جياڭ شياۋ، چېن يەن خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، مەركىزىي شەھەردىكى ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردىكى مەھەللە (كەنت)لەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى قەتئىي توستى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تەۋەلىك رايوندىكى پىدائىيلار مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، تەۋەلىك رايوندىكى دۇكان، ئىشىك، بىنا، لىفىت، ئاممىۋى ئەسلىھە قاتارلىقلارغا قارىتا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماستىن تازىلاش-دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتى ئېلىپ باردى. مۇھىت تازىلىقى تارماقلىرى خادىملار ۋە ماشىنا كۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، ئاساسىي ۋە قوشۇمچە غول يول، تېز سۈرئەتلىك يول، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا، تازىلىق قىلىش، ئەخلەت توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نورمال قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرلۈك مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنىڭ كۈندىلىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ياخشى تازىلىق مۇھىتى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى