تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: يېقىندا، ئالاقە تورىدا ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىملىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەلۇم ئايالنىڭ قازاقىستان ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەندە نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئايرىش تەدبىرى قوللىنىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان، دېگەن سۆزلەر تارقالغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، يۇقارقى ئۇچۇر پىتنە-ئىغۋا بولۇپ، ھېچقانداق ئاساسى يوق. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىن XX (ئايال)نى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى.

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشى ئارقىلىق، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇمدا كۆرسىتىلگەن تۇنجى ئاغرىق مىسالىنىڭ كېسەللىك قوزغىلىشتىن بۇرۇن چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش، تۇرۇش تارىخىنىڭ بارلىقى بايقالمىغان.

  تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، بۇ يىلدىن بۇيان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش، تۇرۇش تارىخى يوق ئىكەن. ھازىر كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تارماقلىرى بۇ قېتىم يېڭىدىن يۈزبەرگەن يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپىنى ئۆلچەۋاتىدۇ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھەرىكەت ئىزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئۇچۇرىنى تولۇقلاپ، يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدەۋاتىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق  ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كۆپچىلىك، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەڭلار، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماڭلار، شەھىرىمىزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئۇچۇرىنىڭ ھەممىسى《智慧健康乌鲁木齐》ئورگان ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا ئېلان قىلىنغىنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى