تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، ئىلگىرى ۋۇخەنگە بىللە بارغان ئاچا-سىڭىل يەنە بىرلىكتە ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالدى

     تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىدى) «ھەدە، ئېغىزىڭىزنى يوغانراق ئېچىڭ، «ھا» دەڭ، نەچچە سېكۇنتتىلا پۈتىدۇ.» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 22لەردە، ئۈرۈمچى شەھىرى يىنچۈەن يولىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا، شۇ كۈنى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرتۈشكە كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاھالە ئولتۇرۇشىغا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى 3-بۆلۈمىنىڭ سېستراسى خۇ يانەن ئەسكەرتىپ شۇنداق دېدى.

     خۇ يانەن ئەۋرىشكىنى رەت نومۇرى يېزىلغان بوتۇلكىغا سالدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بىر ئەۋرىشكىنى يىغىش تاماملاندى.

دوختۇر-سېسترالار ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

     «ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنىمىز ‹رەھمەت›،‹جاپا چەكتىڭلار› دېگەن سۆزلەر بولدى، شۇڭا ھەر قانچە ئىسسىق بولسىمۇ، ھەر قانچە ھېرىپ كەتسەكمۇ بىز بەرداشلىق بېرىمىز.» 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 13لەردە، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا خۇ يانەن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

     «مەن بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتىم»

     بۇ يىل 1-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇ يانەن ۋۇخەندە ئىككى ئايدىن كۆپرەك تۇرغانىدى، «ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىمىز بولغاچقا، بىز تۈرلۈك مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلىتىشكە پىششىق. سېسترالار باشلىقى بىزنى مەھەللىگە كىرىپ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشكە تىزىملىتىشقا ئىلھاملاندۇرغاندا، مەن بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتىم.» دېدى خۇ يانەن.

     7 -ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 12لەردە، خۇ يانەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىككى ئاپتوموبىل يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ، ئۆزلىرى تەكشۈرمەكچى بولغان تۇنجى ئولتۇراق رايونغا كىردى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى سالقىن جايدا ئايرىش سىزىقى تارتتى، خۇ يانەن قاتارلىق كىشىلەر پۈتۈن يۈرۈشلۈك قوغدىنىش كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەڭ ئىچىگە ئوپېراتسىيە كىيىمى كىيدى، سىرتىغا قوغدىنىش كىيىمى ۋە ئايرىش كىيىمى كىيىپ، ماسكا، پەلەي، كۆز ئاسراش كۆزەينىكىنڭ ھەممىسىنى رەتلىك تاقىدى. «تەر كۆزىمىزنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ، ماسكىمۇ تەر بىلەن ھۆل بولۇپ كېتىدۇ، ئەسلىدە دەرەخ سايىسى سالقىن، لېكىن قوغدىنىش كىيىمى كىيگەچكە ئازراقمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بەش بوتولكا سۇ ئىچكەن بولساممۇ، بىرەر قېتىممۇ تازىلىق ئۆيىگە كىرمىدىم، ھەممىسى تەرگە ئايلىنىپ چىقىپ كەتتى.» دېدى خۇ يانەن.

     يېنىدىكى تۇغقانلىرىنى قوغداش

     7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 17لەردە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا CCU سېستىرالار باشلىقى دۇڭ شيا 12 كىشىلىك كىچىك ئەترەتنى باشلاپ، خۇ يانەن تەكشۈرۈۋاتقان ئولتۇراق رايونغا كىردى. «ھاۋا بەك ئىسسىق، قوغدىنىش كىيىمى بەك دىمىق، چۈشتىن بۇرۇن كەلگەن بۇ قىزلارنىڭ چىدىيالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئىسمېنا ئالماشقىلى كەلدۇق، لېكىن ھېچكىم ئالمىشىشقا ئۇنىمىدى، ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەردى.» دېدى دۇڭ شيا.

  دۇڭ شيانىڭ دېيىشىچە، ئۇ باشلاپ بارغان دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئىچىدە، نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئوخشاش ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەنلەر بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى مەزگىلدە دوختۇرخانىدا نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان، ئۈچ كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بىر مەھەللە خادىمىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تېزلا كىرىشىپ كەتكەن. «ۋۇخەندىكى ۋاقتىمىزدا، بىز يىراقتىكى تۇغقانلىرىمىزنى قوغدىغانىدۇق، بۇ قېتىم بىز يېنىمىزدىكى تۇغقانلىرىمىزنى قوغدايمىز.»

  ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تەكشۈرتۈۋاتقان ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ رەھمەت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دۇڭ شيا مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جاپا چەكتى، ئاھالىلەر ماسلاشتى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىدى، بىز ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردۇق، ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى قىيىن ئۆتكەل تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى