تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋالغان ئۈچ كۆكتات دۇكىنىنىڭ تىجارىتى توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): تاۋار باھاسىنىڭ زىيادە تېز، زىيادە يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار، قىلمىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغانلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  7-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۈچ كۆكتات دۇكىنىدا باھانى ئېنىق يازماسلىق، ئىسپات-تالون ئالماسلىق، سېتىۋېلىش-سېتىش تىزىملىك دەپتىرى تۇتماسلىق، مال باھاسىنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆستۈرۈۋېلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى نەق مەيداندا تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى ھەمدە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش-تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى موۋ خەيبىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئۈچ كۆكتات دۇكىنىنىڭ ھەممىسى يېپىق شەكىلدىكى ئولتۇراق رايونىدا ئىكەن، ئالدىنقى مەزگىلدە، ئۇلار پۇقرالارنىڭ كۆكتات باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇش توغرىسىدىكى ئىنكاس ئەرزىنى تاپشۇرۇۋالغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خېفېڭ ياجۈ ئولتۇراق رايونىدا، كۆكتات باھاسى زىيادە يۇقىرى بولغان بىر كۆكتات دۇكىنىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، نەق مەيداندىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولغان.

  بازار باھاسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ماددىي ئەشيالار ۋە ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنىڭ باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى ۋە ياخشى باھا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يەتتە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە بازار تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇردى، تاللا بازىرى، قولايلىق دۇكان، كۆكتات دۇكىنى، دورا دۇكىنى قاتارلىقلارغا بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتمىسى تارقاتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جوۋ شېڭيۈ مۇنداق دېدى: ئەسكەرتمىدە جەمئىي 12 تۈرلۈك مەزمۇن بار، تاۋار باھاسىنىڭ زىيادە تېز، زىيادە يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىلمىشىنىڭ بىرى كۆرۈلسە، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلارغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى بىر قەدەر ئېغىرلىرىغا 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى بىر قەدەر ئېغىرلىرى تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

  تاۋارنىڭ زىيادە تېز، زىيادە يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قىلمىشى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. باھا ئۆرلەش ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تارقىتىپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛ 2. ئىشلەپچىقىرىش، ئۆزى ئىشلىتىشتىن باشقا، نورمال ساقلاش مىقدارى ياكى ساقلاش دەۋرىيلىكىدىن ئېشىپ كەتكەن، بازار تەمىناتى قىس، باھادا بىنورمال داۋالغۇش يۈزبەرگەن تاۋارلارنى زور مىقداردا باستۇرۇۋېلىش، باھا مەسئۇل تارمىقى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا تاۋارنى باستۇرۇۋېلىش؛ باشقا ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە يېڭى بېييۈەنچۇن بازىرىنى تەكشۈرۈپ، سودىگەرلەرگە بازار باھاسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەسكەرتمىسى تارقاتتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تاۋارلارنى باستۇرۇۋېلىش يولى بىلەن ھايانكەشلىك قىلىش، باھا ئۆسىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىش ۋە تارقىتىش، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق بازار باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باھا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئېغىرلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. كەڭ ئامما ۋە ئىستېمالچىلار مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىسا، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاپ، 12315كە تېلېفون قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ، قىلمىشى قەبىھ بولغان تىپىك دېلولارنى ئاشكارىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى