تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي قاتلام يۇقۇم مۇداپىئەسى: سىزنى چۈشىنىمەن! بىز جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولايلى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى) :«بىز ئاھالىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىگەندە كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ماسلىشىشى بىزدە <بىر مەقسەتتە بولۇپ، تەڭ كۈچ چىقىرىش> تۇيغۇسى پەيدا قىلدى. بۇنداق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش دەل مېنىڭ ۋە ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزدىن كەلگەن» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۈگۇ مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دىڭ يۈەنيۈەن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى.

  كۆپچىلىك ئۈچۈن نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىپ، قىممەت تولۇقلاپ، ھەق تاپشۇرۇپ بېرىش. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرنىڭ بىرىنجى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتچىلىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ئاھالىلەر بىلەن ئەڭ كۆپ ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ قالدى. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تەمكىن بولۇش، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتىكى ئۈن-تىنسىز ۋەدىسىگە ئايلاندى.

  7-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ، ئۈرۈمچى شەھىرى باجيى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ما يۆشىڭ كېچىلەپ دوختۇرخانىغا قايتقان دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بالىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.

  «دوستۇم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ غېمىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا كەتتى. مەن بىرىنچى سەپكە چىقالمايمەن، لېكىن ئۇنىڭغا كۈچلۈك يۆلەنچۈك بولۇپ، ئۇنىڭ خاتىرجەم خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيمەن.» ما يۆشىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۈنى كەچتە ئولتۇراق رايونغا قايتىپ كەلگەندە، نەنۋېي يولى كوچا باشقارمىسى تەييۈەن يولى مەھەللىسىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپچىلىكنى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەسكەرتىپ يېتەكلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

  ئولتۇراق رايونغا كىرىپ، كۆكتات دۇكىنى ۋە تاللا بازىرىدىن ئۆتكەندە، ئۇ دۇكان خىزمەتچىسىنىڭ ئىككىنچى كۈنى كۆپرەك مال ۋە كۆكتات كىرگۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆيىدە يېمەكلىك كەمچىل بولۇپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

  «سەھەر سائەت ئىككى يېرىمدا، مەن دەرىزىدىن مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ كەچلىك ئىسمېنىدىن قايتىپ كەلگەن ئاھالىلەرنى مەھەللىگە باشلاپ كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەتىگەن سائەت 9:00دا كۆكتات سېتىۋالغاندا، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆپچىلىكنى تەرتىپلىك ھالدا بىر مېتىر ئارىلىق قويۇپ ئۆچرەت تۇرۇشقا تەشكىللىدى، دائىم يەيدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالالىدۇق. مەھەللىنىڭ ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرى فېڭ يىڭيىڭ ۋېيشىن توپىدا كۆپچىلىككە شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشنى ھەمدە نورمال تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ چوقۇم كاپالەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئەسكەرتتى» دېدى ما يۆشىڭ.

  ما يۆشىڭ: «يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ھەربىر ئۈرۈمچىلىكنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بىز مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپاسىنى ناھايىتى چۈشىنىمىز، شۇڭا ئۇلارغا ئاڭلىق ماسلىشىمىز» دېدى.

  7-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، لۈگۇ مەھەللىسىدىكى پىدائىيلار ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا ئاھالىلەرنى يېتەكلەۋاتقان مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نا يانىڭ ئالدىنقى بىر كېچىدىلا قاراشلىق ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللە ئارىسىدا قاتراپ يۈرگەنلىكىنى، گېپىسنى ئالغىلى ئاران يېرىم ئاي بولغان پۇتىنىڭ تېخى تولۇق ئەسلىگە كەلمەي ئىششىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

  «يۇقۇم نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىش كونۇپكىسىنى باستى، كۆپچىلىك بۇنى چۈشەندى ھەم خىزمىتىمىزگە ماسلاشتى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، كۆپچىلىك ماڭا كۆڭۈل بۆلدى، ماڭا يولنى ئاز مېڭىپ، كۆپرەك ئارام ئېلىشىمنى تاپىلىدى، بۇ خىل ئۆزئارا قوللاشتىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىدىم. ۋىرۇس رەھىمسىز، بىزگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ كەتكەن ئاھالىلەر بىلەن ئارىمىزدا چۇڭقۇر مۇھەببەت بار» دېدى نا يا.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جوڭخۇەن يولى جەنۇبىي مەھەللىسى خۇاڭچاۋ ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئابىدەم غوپۇر مۇنداق دېدى: «بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئىسسىق بولدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ گۆش، كۆكتات قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى مەھەللىگە يەتكۈزۈپ بەردى، ھەتتا بەزى مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ بالىلىرىنى دوستىنىڭ ئۆيىگە خەۋەر ئېلىشقا ھاۋالە قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۇق، بۇنىڭ ھەممىسى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر، شۇڭا بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز سىرتقا چىقماسلىق، ئۇلارغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرمەسلىك».

  بۇ شەھەرنى چوڭقۇر سۆيگەچكە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىشىنى ئويلاپ، ھەربىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ